Uyghur←Chinese主要词典
ئاكالى ھەرىكىتى
دۇنيا تارىخى
阿卡里运动
ā kǎ lǐ yùn dòng
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ھىندىستاننىڭ پەنجاپ رايونىدىكى شىك دىنىدىكى دېھقانلارنىڭ فېئوداللىققا قارشى كۈرىشى. بۇ كۈرەش شىك دىنىدىكى ئاكالى (<ئەبەدى مەۋجۇت بولۇپ تۇرغۇچى> دېگەن مەنىدە) مەزھىپىنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. ئاكالى مەزھىپى دېھقانلار ۋە قول سانائەتچىلەرنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، شىڭ دىنىنىڭ قائىدىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى، شىك دىنىنىڭ دىنىي ئەقىدىلىرىنى پاكلاشتۇرۇشنى، ئىبادەتخانىلار رىياسەتچىلىرى (ماھاندى) نىڭ فېئوداللىق ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە زۇلمىغا ھەمدە ئەنگلىيىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. 1920 - 1922-يىللىرى ھىندىستاندا ئەنگلىيىگە قارشى دولقۇن كۆتۈرۈلگەندە، قاتناشقۇچىلار يەنە شىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى، پەنجاپتىكى خەلق كونگېرسىدىكىلەر ۋە زىيالىيلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 1920-يىلى 7-ئايدا، ئامرىتسار شەھىرىدە شىك دىنىي قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىبادەتخانىلارنى باشقۇرۇش ھەيئىتى سايلىنىپ، ماھاندى ئىگىلىۋالغان يەرلەرنى قايتۇرۇۋېلىنىپ، دىنىي جەمئىيەتنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش جاكارلانغان. 1920-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ دېھقانلار بىلەن ماھاندىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى كۆپ قېتىم توقۇنۇشقان. 1922-يىلى يازادا، ئەنگلىيە مۇستەملىكىچى دائىرىلىرى باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىبادەتخانىلرنى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ رەھبەرلىرىنى قولغا ئالغان. 1923-يىلىنىڭ بېشىدا ئاكالى ھەرىكىتى پەسكارىغا چۈشۈپ قالغان.