Chinese→Uyghur主要词典
亚加亚联盟
دۇنيا تارىخى
ئاكائىيە ئىتتىپاقى
قەدىمكى يۇناندىكى بىر قىسىم شەھەر دۆلەتلىرى ئاكائىيە (جەنۇبىي يۇناننىڭ شىمالى) نى مەركەز قىلىپ تۈزگەن ئىتتىپاق. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅳ ئەسىردە، پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىدىكى 12 ئاكائىيە شەھىرى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىتتىپاق بولۇپ ئۇيۇشقان، كېيىن ماكېدونىيە پادىشاھى ئانتىگونوس گوناتاس تەرىپىدىن تارقىتىۋېتىلگەن. مىلادىدىن 281 يىل ئىلگىرى ئاكائىيىدىكى بەزى شەھەرلەر ئاركادىيە ۋە مېسسېنىيە شەھەرلىرى بىلەن بىرلىشىپ، يەنە بىر قېتىم ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئورتاق ھالدا ماكېدونىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇش ۋە خەلق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. ئارقىدىنلا سىكيون، كورىنتوس، مېگرا قاتارلىقلارمۇ قاتنىشىپ، تەسىرى كېڭەيگەن؛ ئائېگىئۇم (ئاكائىيىنىڭ شىمالىي قىرغىقى) سىياسىي مەركەز بولغان، ئارتوس قوماندان بولغان (مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمى) مەزگىلىدە راسا گۈللەنگەن. ئىتتىپاق نىزامنامىسىگە ئاساسەن، ئىتتىپاقچىلارنىڭ ئومۇمىي پۇقرالار قۇرۇلتىيى ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگان ھېسابلانغان، ئىتتىپاققا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى زور ئىشلارنى قارار قىلىشقا قاتناشقان ھەمدە ئىتتىپاق يىغىنى ئەزالىرى (دائىملىق ئورگان) ۋە ھەربىي قوماندانلارنى سايلاپ چىققان، كېيىنكىسىنىڭ ھوقۇقى ناھايىتى چوڭ بولغان. ئىتتىپاققا قاتناشقان دۆلەتلەر ئىچكى ئىشلىرىدا ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ، سىرتقى مۇناسىۋەتتە بولسا ئىتتىپاقنىڭ تىزگىنلىشىدە بولغان، ئىتتىپاقنىڭ خىراجىتىنى ئىتتىپاققا كىرگەنلەر ئۈستىگە ئالغان، ئىتتىپاققا قاتناشقان شەھەرلەر بىرلىككە كەلتۈرگەن ئۆلچەم ئىشلەتكەن، پۇل قويغان. ئىتتىپاق ماكېدونىيە پادىشاھىنىڭ تىزگىنلىشىگە كۆپ قېتىم قارشى تۇرغان ھەمدە ئوتتۇرا يۇناندىكى ئەيتۇلىيە ئىتتىپاقى بىلەن قارشىلىشىپ، يۇناننىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىكى مۇھىم سىياسىي كۈچكە ئايلانغان. لېكىن سپارتا پادىشاھى كلېئومېنېس Ⅲ ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندا، ماكېدونىيىدىن ياردەم ئېلىپ، رەھىمسىزلىك بىلەن باستۇرغان (مىلادىدىن 221 يىل ئىلگىرى). مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ماكېدونىيە بىلەن رىم ئۇرۇش قىلغاندا، ئىتتىپاق رىم تەرەپتە تۇرغان، ئۇرۇشتىن كېيىن پېلوپوننېس يېرىم ئارىلىغا بىر مەزگىل ھۆكۈمرانلىق قىلغان. نابىس سپارتادا ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندا، يەنە بىر قېتىم ئىتتىپاقنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچرىغان (مىلادىدىن 192 يىل ئىلگىرى). شۇنىڭدىن باشلاپ سپارتامۇ ئىتتىپاققا بېقىىنىپ قالغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رىم يۇناننى بويسۇندۇرۇپ، ئىتتىپاق تارقىتىۋېتىلىپ، رىم بۇ يەردە <ئاكائىيە ئۆلكىسى> نى قۇرغان.