Uyghur主要词典
ئاجاتاشاترۇ
دۇنيا تارىخى
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 463) قەدىمكى ھىندىستاندىكى ماگادخا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 493 - 462) بىمبىسارانىڭ ئوغلى، ئۇ ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈپ تەختكە چىققان. سىرتقا قارىتا پائال كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، كوشالا دۆلىتى بىلەن كاشىنى تالىشىپ ئۇرۇش قىلغان، نەتىجىدە كوشالا دۆلىتىنىڭ پادىشاھى پاسېنادىنىڭ قىزىنى ئالغان، كاشى قىز مېلى سۈپىتىدە ماگادخا دۆلىتىنىڭ زېمىنىغا تەۋە بولغان. ۋاججى دۆلىتى بىلەن 16 يىلغا سوزۇلغان ئۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، كۈچلۈك لىچىخاۋى قەبىلىسىنى بويسۇندۇرغان. شۇنىڭدىن باشلاپ ماگادخا دۆلىتى شەرقىي شىمالىي قىسىمدىكى ھىندىستان دۆلەتلىرى ئىچىدە زومىگەر بولۇۋالغان. دەسلەپتە، بۇددا دىنىغا دۈشمەنلىك پوزىتسىيىسىنى تۇتقان. كېيىن بۇددا دىنىغا كىرگەن، رىۋايەتلەردە دېيىلىشىچە، بۇددىساتۋا ساكيامۇنى ۋاپات بولغاندا، ئۇنىڭ سۆڭىكىنىڭ بىر بۆلىكىنى ئالدۇرۇپ كېلىپ، پايتەختى راجاگرىخادا تاتيا ياسىتىپ شۇ يەردە ساقلىغان؛ بۇددىستلار تۇنجى قېتىم راجاگرىخادا بىر يەرگە جەم بولۇپ كاتتا زارا - خەتمە قىلىشقان.