Uyghur←Chinese主要词典
ئايۇبخان
دۇنيا تارىخى
阿尤布.汗
ā yóu bù .hàn
(1907 - 1974) پاكىستان زۇڭتۇڭى (1958 - 1969). ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستاننىڭ غەربىي - شىمال چېگرا ئۆلكىسى (ھازىرقى پاكىستان) دا تۇغۇلغان. ئالكىل مۇسۇلمانلار ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەنگلاىيىدىكى سانخىس خانلىق ھەربىي ئىنستىتۇتىد ئوقۇغان. 1928-يىلى ئەنگلىيىگە قاراشلىق ھىندىستان ئارمىيىسىدە ئوفىتسېر بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا، پەنجاپ 14-پولكىغا قوماندانلىق قىلىپ، بىرمىدا ياپونغا قارشى ئۇرۇشى قىلغان. 1947-يىلى پاكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن برىگادىر، دىۋزىيە كوماندىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانى بولغان. 1951-يىلى قۇرۇقلۇق ئارمىيە باش قوماندانى بولغان. 1954 - 1955-يىللىرى قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1958-يىلى 10-ئايدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ زۇڭتۇڭ، قوشۇمچە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، قوراللىق قىسىملارنىڭ ئالىي باش قوماندانى، ھەربىي قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش باش ئەمەلدارى بولغان. 1959-يىلى مارشال بولغان. 1960-، 1965-يىللىرى يەنە ئىككى قېتىم زۇڭتۇڭ بولغان. بۇ مەزگىلدە يېزا ئىگىلىكىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، سانائەتنى راۋاجلاندۇرغان. 1962-يىلى يېڭى ئاساسىي قانۇن ئېلان قىلغان. 1963-يىلى 21-ئايدا پاكىستان مۇسۇلمانلار ئىتتىپاقى (كۆپ سانلىقلار) نىڭ رەئىسى بولغان. 1966-يىلى 1-ئايدىكى ئىككىنچى قېتىملىق ھىندىستان - پاكىستان ئۇرۇشىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاكشەنت خىتابنامىسى< نى ئىمزالىغان. 1961-يىلى 3-ئايدا مەملىكەت ئىچىدىكى ۋەزىيەتنىڭ كېرەك ئەمەس، دوستلار كېرەك> (تەرجىمىھال< قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
تارىخ
阿尤布汗
ā yóu bù hàn