Uyghur主要词典
ئايرىلماق
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئايرىم بولماق.
قوشۇلماق، بىرلەشمەك
بىر بولماق.
قوشۇلغاننىڭ تورى بار، ئايرىلغاننىڭ شورى. ئەلگە قوشۇلساڭ ئەر بولىسەن، ئەلدىن ئايرىلساڭ يەر بولىسەن. ئايرىلىش - مۇھەببەتنىڭ ئەجىلى، قوشۇلۇش - مۇھەببەتنىڭ ئۇتۇقى. بىرلەشسەڭ يېڭىسەن، بۆلۈنسەڭ توزۇيسەن. ئايرىلغاننى ئېيىق يەر، بۆلۈنگەننى بۆرە. دوستتىن ئايرىلىش مالدىن ئايرىلىشتىن يامان، نامدىن ئايرىلىش جاندىن ئايرىلىشتىن يامان. بىرلەشكەن سېغىزخان بۇغىنى چوقۇپ ئۆلتۈرەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<ئايرىماق> پېئىلىنىڭ مەجھۇل دەرىجىسى.
توپتىن ئايرىلغاننى بۆرە يەر (ماقال).
<ئايرىماق> پېئىلىنىڭ ئۆزلۈك دەرىجىسى.
ئىشاننى دەپ ئېشەكتىن ئايرىلدىم (ماقال).