Uyghur主要词典
ئايلىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت («ئاي Ⅱ» گە سۆز ياسىغۇچى قوشۇمچە «لىق» قوشۇلغان).
ئايغا تولغان، ئاي بويى داۋام قىلىدىغان، ئايغا مۆلچەرلەنگەن.
ئايلىقچى، ئايلىق ژۇرنال، ئايلىق پىلان، بەش ئايلىق بالا.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئاي ھېسابىدا يېزىلغان ئىش ھەققى، مائاش.
بۈگۈن ئايلىق ئالدىم. * ئايلىقى ئايغا يەتمەيدىغانلار بار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپ. ئاي بويى داۋام قىلىدىغان، ئايغا مۆلچەرلەنگەن.
بىر ئايلىق ۋەزىپە. ئىككى ئايلىق يول. ئايلىق ژۇرنال.
سۈپ. ئايغا تولغان.
بۇ چاغدا ئانامنىڭ قورسىقىدا يەتتە - سەككىز ئايلىق بولۇپ قالغانىدى.
ئى. بىر ئاي داۋامىدا سەرپ قىلغان مېھنەت ئۈچۈن بېرىلىدىغان ھەق، مائاش.
ئاي توشۇپ ساۋۇتجان بوغالتىرنىڭ قېشىغا ئايلىقنى ئالاغىلى كىرگەندە، تاغىسى باۋۇدۇن بىلەن ئۇچرىشىپ قالدى.