Uyghur主要词典
ئايگۈزەل
ئۇيغۇر ئەسەرلىرى
بۇ، جالالىدىن بەھرامنىڭ ھېكايىلار توپلىمى بولۇپ، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1984 - يىل 4 - ئايدا نەشر قىلغان. توپلامغا يازغۇچىنىڭ <ئايگۈزەل>، <ئاتا ۋە بالا>، <تويدا> قاتارلىق 10 پارچە ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن. بۇ ھېكايىلاردا ھەر قايسى ساھە كىشلىرىنىڭ ئوبرازلىرى ئارقىلىق چىنلىق، ياخشىلىق، مېھىر - شەپقەت، مۇھەببەت - ۋاپا، ئەجىر - مېھنەت قىزغىن مەدھىيلەنگەن، جەمئىيەتتىكى ناچار ئىللەتلەر تەنقىد قىلىنغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئايدەك گۈزەل.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇيغۇرچە، پارىسچە
گۈزەل ئاي، گۈزەل قىز
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
ئايدەك پارلاق ۋە گۈلدەك جىلۋىگەر قىز.