Uyghur主要词典
ئايىغى يېنىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئىشنى تېز ۋە جايىدا پۈتتۈرىدىغان، ھەرىكىتى تېز.
تەڭرى پۇت _ قولى چاققانغا ئامراق. چاققان جۇۋاننى بۆشۈك ئاستىدا كۆز. چېچەننىڭ تىلى، چەبدەسنىڭ قولى. ئەپچىلنىڭ ئىشى ئوڭ. توقسانغا كىرگەن تېتىك بولماس. ئايىغى يېنىك ئەلگە ياقىدۇ. ئايىغى ئىتتىك ئاشقا، ئاغزى ئىتتىك باشقا.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكىتى ناھايىتى تېز، ئەپلىك.
لايپاس، ئەزمە، ئېزىلەڭگۈ، مىلجىڭ، گىجىڭ، سۆرەلمىپالاس، پالاكەت ، بىجىقىم، ئايىغى ئېغىر
ئىش - ھەرىكىتى ئاستا، قوپال.
چاققان خوتۇننى بۆشۈك تۈۋىدە كۆرۈڭ. چېچەننىڭ تىلى، چەبدەسنىڭ قولى. ئەپچىلنىڭ ئىشى ئوڭ. توقسانغا كىرگەن تېتىك بولماس. ئايىغى يېنىك ئەلگە ياقىدۇ. مىلجىڭنى ئەزمە يېڭىدۇ. ئاغزىڭ ئەپچىل بولغۇچە، قولۇڭ ئەپچىل بولسۇن. گىجىڭدىن قورق. ئېزىلەڭگۈ ئايىغىنى سالغۇچە، چەبدەس يۇيۇنۇپ بولار. بىجىقىم خوتۇن چاي قايناتقۇچە، چاققان خوتۇن ئاش پىشۇرار. پالاكەتنىڭ بېشى يېرىق. سۆرەلمىپالاس ئىش بۇزار. ئايىغى ئېغىر ئىشنى كېچىكتۈرىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىشنى تېز قىلىدىغان، ئىشتىن قاچمايدىغان، تېتىك.