Uyghur主要词典
ئايغا قاراش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئىسلام دىنىدا يېڭى ئاينىڭ چىقىشىغا قاراپ رامىزان ئېيىنىڭ كىرگەنلىكىنى بېكىتىدىغان تۈزۈم كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ھەدىس ۋە شەرىئەتكە ئاساسەن، مۇسۇلمانلار ئاي كۆرۈپ روزا تۇتۇشى ۋە ئاي كۆرۈپ روزىنى ئېچىشى لازىم. ھاۋا تۇتۇق بولۇپ ئاينى كۆرگىلى بولمىسا، 30 كۈن روزا تۇتۇلىدۇ. ئادەتتە 29 كۈندە ئاي كۆرۈنىدۇ. ئىسلام دۆلەتلىرىدە روزىغا ھۆكۈمەت ياكى شەرىئەت ئورگانلىرى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ئۇلار ھىجرىيە كالىندارى بىلەن ئايغا قاراشنى بىرلەشتۈرۈپ روزا تۇتۇش ۋاقتىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. رايونىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، كىلىماتى مۇرەككەپ بولغاچقا، بەزى جايلاردا ئېگىز - پەسلىك مەۋجۇت بولۇپ كەلدى.