Uyghur主要词典
ئايەتۇللاھ ئۇزمەئ
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى « ئاللانىڭ ئەڭ ئۇلۇغ سىمۋولى» دېگەنلىك بولىدۇ. ئىراندا ئون ئىككى ئىمامچىلار ئالىي دىنىي داھىينى ئاشۇ ھۆرمەت نامى بىلەن ئاتايدۇ. بىلىمى مول، ئىناۋىتى يۇقىرى مۇجتەھىد بۇ شۆھرەتتىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. ئۇ ئاللانىڭ دۇنيادىكى ۋەكىلى، تالاش - تارتىش ئۈستىدىكى چوڭ فىقھە مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئاخىرقى ھۆكۈمنى چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە، دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ سۆز - ھەرىكەتلىرى ئاللا ئىرادىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى بولۇپ، ئادەتتىكى مۆمىنلەر ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشى شەرت دەپ ھېسابلىنىدۇ. ئايەتۇللاھ ئۇزمەئ شىئە مەزھىپىدىكى دىنىي مەرتىۋىدە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.