Uyghur主要词典
ئايدىت
دۇنيا تارىخى
ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەئىسى (1959 - 1967)، جەنۇبىي سۇماترادىكى بانكا ئارىلىدا تۇغۇلغان. سودا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1939-يىلىدىن باشلاپ مىللىي ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىپ جاكارتا <شەرق ياشلار ئىتتىپاقى> غا قاتناشقان ھەمدە ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1940 - 1942-يىللىرى ھىندۇنېزىيە خەلق ھەرىكىتى پارتىيىسى رەھبەرلىكىدىكى ياشلار تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى بولغان. 1943-يىلى ئەينى مەزگىلدە يوشۇرۇن ھالەتتىكى ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن. شۇ يىلى فاشىزمغا قارشى تەشكىلات <ھىندۇنېزىيىنى مۇستەقىللىككە ئېرىشتۈرۈش ھەرىكىتى> نى تەشكىللەشكە قاتناشقان ھەمدە بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ھىندۇنېزىيىنىڭ مۇستەقىللىكى ئۈچۈن ئاكتىپلىق بىلەن تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. 1945-يىلى 8-ئايدا ھىندۇنېزىيە مۇستەقىللىك جاكارلىغاندىن كېيىن، ھىندۇنېزىيە ياشلار ئىتتىپاقىنى تەشكىللىگەن ھەمدە ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1947-يىلى ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ مەركىزىي كومىتېت ئەزاسى بولغان، 1947 - 1948-يىللىرى ھىندۇنېزىيە خەلق دېموكرتىيىسى سېپىنىڭ شۇجىسى بولغان.1948-يىلى ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1951-يىلى ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى شۇجىلىقىغا سايلانغان. 1954-يىلى ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا سايلانغان. شۇ يىلى پارالامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. 1959-يىلدىن باشلاپ ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1961-يىلى مىللىي سەپنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان. 1963-يىلى مىللىي خەلق كېڭىشى دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلانغان. كۆپ قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن. 1965-يىلى <سېنتەبر> ۋەقەسىدىن كېيىن ھىندۇنېزىيە كوممۇنىستلىرى دەھشەتلىك باستۇرۇلغان. شۇ يىلى زىيانكەشلىك بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.