Uyghur←Chinese主要词典
ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى
جىنايەت ۋە جازا
拐卖妇女,儿童罪
guǎi mài fù nǚ ,ér tóng zuì
بۇ - ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىش مەقسىتىدە ئالداش، تۇتۇپ كېتىش، سېتىۋېلىش، سېتىش، ئەۋەتىپ بېرىش، تاپشۇرۇۋېلىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق ھەرخىل زورلۇق، تەھدىت سېلىش ئۇسۇللىرى بىلەن ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ ساتقان قىلمىشلارنى كۆرسىتىدۇ.
1. ئوبيېكتى - ئاياللار، بالىلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى بولىدۇ.
2. ئوبيېكتىپ جەھەتتە ئاساسەن تۆۋەندىكى ئۈچ خىل شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى، ئاياللار، بالىلارنى ئالداش، سېتىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئەۋەتىپ بېرىش، تاپشۇرۇۋېلىش قىلمىشلىرىنى ئېلىپ بارغان بولىدۇ؛ ئىككىنچى، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ۋە مەست قىلىش ئۇسۇللىرى بىلەن ئاياللار، بالىلارنى تۇتۇپ كەتكەن قىلمىش بولىدۇ؛ ئۈچىنچى، بوۋاقلارنى ئوغرىلاپ كەتكەن قىلمىش بولىدۇ.
3. سۇبيېكتى - ئادەتتىكى سۇبيېكت، يەنى جىنايى جاۋابكارلىق يېشىغا تولغان، جىنايى جاۋابكارلىق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ.
4. سۇبيېكتىپ جەھەتتە قەستەنلىكتىن شەكىللىنىدۇ.
240 - ماددا ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ ساتقانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، 10 يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ تۆۋەندىكى ئەھۋالنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ، قوشۇمچە مال - مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىدۇ:
(1) ئاياللار، بالىلارنى ئالداپ سېتىش گۇرۇھىدىكى باش ئۇنسۇرلار؛
(2) ئۈچتىن ئارتۇق ئايال ۋە بالىنى ئالداپ ساتقانلار؛
(3) ئالداپ سېتىۋېتىلىدىغان ئايالنىڭ ئىپپەت - نومۇسىغا تەگكەنلەر؛
(4) ئالداپ سېتىۋېتىلىدىغان ئايالنى ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا ئازدۇرغان ۋە زورلىغانلار ياكى ئالداپ سېتىۋېتىلىدىغان ئايالنى باشقىلارغا سېتىپ بېرىش يولى بىلەن ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىشقا مەجبۇرلىغانلار؛
(5) سېتىش مەقسىتىدە، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ياكى ھوشسىزلاندۇرۇش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ ئاياللار ۋە بالىلارنى تۇتۇپ كەتكەنلەر؛
(6) سېتىش مەقسىتىدە، بوۋاق ۋە گۆدەك بالىلارنى ئوغرىلىغانلار؛
(7) ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار، بالىلار ياكى ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ ئېغىر زەخىملىنىشى، ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ۋە باشقا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى پەيدا قىلغانلار؛
(8) ئاياللار ۋە بالىلارنى چېگرا سىرتىغا سېتىۋەتكەنلەر.
ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش - سېتىۋېلىش مەقسىتىدە بولۇش، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداش، تۇتۇپ كېتىش، سېتىۋېلىش، سېتىش، تاپشۇرۇۋېلىش، ئەۋەتىپ بېرىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش قىلمىشلىرىنىڭ بىرەرسىنى سادىر قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.
241 - ماددا 4 - تارماق ئالداپ سېتىۋېتىلگەن ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىپ، باشقىلارغا ساتقانلارغا مۇشۇ قانۇننىڭ 240 - ماددىسىدىك بەلگىلىمە بويىچە جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاياللارنى ئالداپ سېتىش دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى
(2000 - يىل 1 - ئاينىڭ 25 - كۈنى 1 - نومۇرلۇق)
ئاياللارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى ھەرىكەتلىرىنى قانۇن بويىچە جازالاش ئۈچۈن، جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، ئاياللارنى ئالداپ سېتىش دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكرېت تەتبىقلاشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا تۆۋەندىكىچە ئىزاھات بېرىمىز:
1 - ماددا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 240 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئاياللارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىدىكى <ئاياللار> ھەم جۇڭگو تەۋەلىكىدىكى ئاياللارنى، ھەم چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى يوق ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سېتىۋېتىلگەن چەت ئەللىك ئاياللارنىڭ سالاھىيىتىنى ئىسپاتلىغىلى بولمىغانلىرىدا جىنايەتچىلەرنى جىنايەت بېكىتىپ جازالاشقا تەسىر يەتمەيدۇ.
2 - ماددا چەت ئەللىكلەر ياكى دۆلەت تەۋەلىكى يوقلار چەت ئەللىك ئاياللارنى ئالداپ سېتىپ، دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە تۇتۇلغان بولسا، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 6 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلىتىمىزنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىنى تەتبىقلاپ جىنايەت بېكىتىپ جازالاش كېرەك.
3 - ماددا چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى جاۋابكارلارنىڭ سالاھىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلاشقا ئامال بولمىغان ياكى ئۆزى تەۋە دۆلەت ئۇنىڭ سالاھىيىتىگە دائىر ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغان دېلولاردىن خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ 128 - ماددا 2 - تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەيىبىگەنلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلىشى كېرەك.
ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىكى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىكى، ئەدلىيە مىنىستىرلىكى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىگە زەربە بېرىشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى
(2000 - يىل 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ج ئو [0200] 26 - نومۇرلۇق)
تۆتىنچى، قانۇننى توغرا تەتبىقلاپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايى ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. بۇ قېتىمقى ئادەم بېدىكلىرىگە زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ ساتقان ئادەم بېدىكلىرىگە زەربە بېرىشتىن ئىبارەت.
ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ ساتقانلار بولسا، مەيلى قايسى ھالقىدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، سېتىش مەقسىتىدە ئالداش، تۇتۇپ كېتىش، سېتىۋېلىش، سېتىش، تاپشۇرۇۋېلىش، يۆتكەپ بېرىش، ئۆتكۈزۈپ بېرىشتەك ئاياللار ۋە بالىلارنى يوشۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن بىردە بولغانلارنى ئالداپ ساتقان ئادەم سانىنڭ قانچىلىك بولۇشى، مەنپەئەتكە ئېرىشكەن - ئېرىشمىگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى بويىچە جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش لازىم. ئالداپ سېتىلغان ئاياللار ۋە بالىلارنى سېتىۋېلىپ، شۇنداقلا ئالداپ سېتىلغان ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇشقا توسقۇنلۇق قىلىپ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىمۇ قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك. جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ئۆز پەرزەنتلىرىنى ساتقانلارنىڭ قانۇنسىز تاپاۋىتىنى قانۇن بويىچە مۇسادىرە قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارغا جەرىمانە قويىدۇ. پايدا ئېلىش مەقسىتىدە 14 ياشقا توشمىغان پەرزەنتلەرنى ساتقانلاردىن قىلمىشى قەبىھ بولغانلار، بېقىۋېلىش نامى بىلەن بالىلارنى ئالداپ ساتقان، شۇنداقلا تېپىۋالغان بالىلارنى ساتقانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش لازىم. 14 ياشتىن يۇقىرى ئايال تۇغقىنى ياكى 14 ياشقا توشمىغان باشقا تۇغقانلىرىنى ساتقانلارنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى ئاياللار ۋە بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك.
ئالداپ سېتىش جىنايىتى بىلەن بالىلارنى ئالداش جىنايىتى شۇنداقلا بالىلارنى تۇتۇپ كېتىش جىنايىتى بىلەن بالىلارنى ئالداپ سېتىش جىنايىتىنىڭ چەك - چېگراسىنى توغرا پەرقلەندۈرۈپ، زەربە بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىۋېتىش ياكى جىنايەتچىلەرنى مەيلىگە قويۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.