Uyghur←Chinese主要词典
ئاياكوچۇ خىتابنامىسى
دۇنيا تارىخى
阿亚库乔宣言
ā yà kù qiáo xuān yán
لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي مۇستەقىللىكنى قولغا كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى خىتابنامىسى. 1974-يىل 12-ئاينىڭ 9-كۈنى، پېرۇ، ۋېنېسۇئېلا، پاناما، بولىۋىيە، ئارگېنتىنا، ئېكۋادور، كولومبىيە ۋە چىلىدىن ئىبارەت سەككىز دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى ۋە ۋەكىللىرى پېرونىڭ پايتەختى لىمادا ئاياكۇچو جېڭىنىڭ 150 يىلىقىنى خاتىرلىگەندە ئىمزالىغان. ختابنامىدە لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىش، بېقندىلىق ھالەتتىن قۇتۇلۇش، ھەرقايسى ئەللەر ئىقتىسادىي ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش؛ لاتىن ئامېرىكىىدا ساقلىنىۋاتقان مۇستەملىكىچىلىك ھالەتنى دەرھال تۈپتىن يوقىتىش؛ ئۆز مەملىكىتىنىڭ تەبىئىي بايلىق مەنبەسىگە ئىگىلىك ھوقۇقى يۈرگۈزۈپ، خام ئەشيالىرىنى باھاسىنى قوغداش، چەت ئەل كاپىتاىنى چەكلەش ۋە چەت ئەل شىركەتلىرىنى پائالىيىتىنى كونترول قىلىش؛ ئادىللىق، باراۋەرلىك، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا يېڭى خەلقئارالىق ئىقتىسادىي تەرتىپ ئورنىتىش تەكىتلەنگەن.