Uyghur主要词典
ئاياغ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
«ئاياق» قا قاراڭ.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
كاسە، قەدەھ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋاناتنىڭ گەۋدىسىنى تىرەپ تۇرىدىغان يۈرۈشكە خىزمەت قىلىدىغان ئەزاسى.
ئاياغ ئاتلىمىسا، ياش يۈگۈرمەس. ئاياغ تەگدى، بالا تەگمىسۇن. ئاياغقا تاپسا باشقا يوق. گۈل بەرگىدە ئۆسەر نازىنىن ئاياغ، ئەھۋالى نېمە بولار تىكەن باسقان چاغ. پۇت - قولىنى يەرگە تەگكۈزمەي. پۇتىغا ھۆل خىش قويماق. باش قەيەردە بولسا، پۇت شۇ يەردە. پۇتى يوغان تاپقاننى كىيەر، پۇتى كىچىك تاللاپ كىيەر.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئادەمنىڭ بەدىنى تايىنىپ تۇرىدىغان، يۈرۈشىگە خىزمەت قىلىدىغان ئەزاسى.
باش
ئادەم بەدىنىنىڭ كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ئېغىز قاتارلىق ئەزالار ئورۇنلاشقان قىسمى (ئەزاسى).
باشقا تاپسا ئاياغقا يوق، ئاياغقا تاپسا باشقا (يوق). ئاياغ ئاتلىمىسا، باش يۈرمەس. دوست باشقا قارايدۇ، دۈشمەن ئاياغقا. پۇت تېيىلسا باشقا جاپا. باش قەيەردە بولسا، پۇت شۇ يەردە. بېشى يوغان بەگ بولار، پۇتى يوغان قۇل.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ياخشى ئەمەس، سۈپىتى تۆۋەن، خۇي - پەيلى بۇزۇق، يېقىمسىز، كۆڭۈلسىز، زىيانلىق.
يامان ئىشنىڭ پۇتى يوق، تېز يۈگۈرىدۇ. يامان بىلەن يولداش بولما، نادان بىلەن سىرداش. ياماندىن يىراق قاچ. ياخشىغا كۆرۈم يوق، يامانغا ئۆلۈم. ناچار بىلەي تېز خورايدۇ. ياخشى قوشنا دەردكە دەۋا، ئوسال قوشنا باشقا بالا. ئەسكى تۆمۈردىن شەمشەر پۈتەمدۇ؟ يالغانچىنىڭ سۆزى قانچە چىرايلىق بولسا، شۇنچە قەبىھتۇر.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
لەقەم.
شېئىردا مۇنداق كەلگەن:
قوزغىل ماڭا ئاقىلىق
بولسۇن ماڭا ئاياغا
ئىزغىل مەنىتوقىشقا
يۈۋگىل ماڭا ئۇلاغا