Uyghur主要词典
ئاھانەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىشىنىڭ دىلىغا تېگىدىغان يامان سۆز.
تىغ يارىسى ساقىيار، تىل يارىسى ساقايماس. تاياق گۆشتىن ئۆتەر، تىل سۆڭەكتىن. تىلى ئۇزۇننىڭ دىلى قىسقا. تەقدىر راستچىل ئادەمنى ھاقارەتكە قويماس. قارغىش ئالغۇر. ئىتنىڭ قارغىشىغا پىت ئۆلمەس. سۆكۈش يولسىزنىڭ ئىشى، يولسىزلىقنىڭ بەلگىسى. يالغان ئېيتقان ئۆزى ئاھانەتكە قالار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
تىل - ھاقارەتتىن خورلۇق تارتىش تۇيغۇسى.
ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق. بىر ئاھانەتتىن يۈز تاياق ياخشى. يالغان ئېيتقان ئۆزى ئاھانەتكە قالار. ئازاب ئادەمنى خار قىلىدۇ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
خىجىللىق ۋە ئۇيىلىش تۇيغۇسى.
شەرەپ، شان، شان - شەرەپ، شۆھرەت، شەۋكەت
ئاتاق - ئابرۇي، پەخىر - ئىپتىخار.
ئىقتىسادچىللىق شەرەپ، ئىسراپچىلىق نومۇس. شەرەپ بىلەن غەلىبە - بىر تۇغقان قوشماق. بەيگىگە چۈشكەن ئات ئېگىسىگە يا شەرەپ كەلتۈرەر، يا ئىگىسىنى نومۇسقا قالدۇرار. ئالىيجاناب ئادەم شان - شەرەپنى جېنىدىن ئارتۇق بىلىدۇ. شۆھرەتكە بېرىلىش - ئەڭ رەزىل ھەۋەس. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. ئېگىز تاغدا قار بولار، مەرد يىگىتتە ئار. ئىزا ئۆلۈمدىن قاتتىق. شەخسىيەتچىلىككە بېرىلگەن ئار - نومۇسنى ئۇنتار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ھاقارەت، تۆھمەت، بوھتان.
ئۆمرۈمدە ئاڭلاپ باقمىغان بۇ ئاھانەتكە چىداپ تۇرالماي ئىتتىك تالاغا چىقتىم.
خورلۇق، ناھەقچىلىك، ئۇۋاللىق.
نومۇس ۋە ئاھانەتكە چىدىمىغان بەختىگۈلنىڭ دادىسى بىر كۈنى كەچقۇرۇن غەزەپ بىلەن قۇددۇسنىڭكىگە بېرىپ، بەختىگۈلنىڭ ئۆيىگە كىردى.
نومۇس، ئىزا، ئۇيات.
چىقىرار ئادەمنى كاردىن يارىماس ئەخلەت قىلىپ، قەلبى ساپ ئىنسان ئۈچۈن قاتتىق ئاھانەتتۇر تەمە.