Uyghur←Chinese主要词典
ئاگېسىلا
دۇنيا تارىخى
阿偈西劳
ā jì xī láo
(مىلادىدىن تەخمىنەن 444 - 360 يىل ئىلگىرى) ئاركىدامنىڭ ئوغلى. ئۇ ئانا بۆلەك قېرىندىشى ئاگىس Ⅱ نىڭ ئوغلى( نىڭ قانداشلىق مۇناسىۋىتىدىن گۇمان بولغاچقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى تارتىۋېلىنغان. مىلادىدىن 396 يىل ئىلگىرى قوشۇن باشلاپ كىچىك ئاسىياغا كىرىپ، پېرسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قىلغان، شۇنىڭ بىلەن شۇ يەردىكى بەزى يۇنانا شەھەرلىرىنى قايتىدىن مۇستەقىللىككە ئىگە قىلغان. پېرسىيە پادىشاھى ئارتاكىسېركىس يولۋاسنى تاغدىن ئالداپ چۈشۈرۈش ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ، كولنىف، تېبېس ، ئافېىنا قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ سپارتاغا قارشى تۇرغان. ئاگېسىلا چاقىرىققا بىنائەن سپارتاغا قايتىپ كېلىپ <كولنىف ئۇرۇشى> غا قاتناشقان. مىلادىدىن 394 يىل ئىلگىرى بېئوتىيىدىكى كارونېيەدە كولىنوف قاتارلىقلارنىڭ بىرلەشمە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. پارىسلار نىشاننى بۇراپلا سپارتانى قوللىغان )<بۈيۈك پادىشاھ سۈلھ شەرتنامىسى> گە قاراڭ(. شۇنىڭدىن كېيىن ئاگېسىلا سپارتانىڭ يۇناندىكى زومىگەرلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغان. لېكىن لېۋكترا جېڭى )مىلادىدىن 371 ئىلگىرى( ۋە مانتېنىيە جېڭى )مىلادىدىن 362 يىل ئىلگىرى( دە سپارتا ئارقا - ئارقىدىن تېبېس )ئېپامىنوند( تەرىپىدىن مەغلۇپ بولغان. پېلوپوننېس ئىتتىپاقى پارچىلانغان. مىلادىدىن 361 يىل ئىلگىرى بىر قىسىم ياللانما قوشۇننى باشلاپ مىسىرغا بېسىپ كىرىپ، تاكوسنىڭ پادىشاھ بولۇشىغا ياردەملىشىش يولىدا ئۇنىڭ جىيەنى نېكتانېبقا قارشى تۇرۇپ، بۇنىڭ بەدىلى ئۈچۈن 230 تالانتون ئالتۇنغا ئىگە بولغان. مىسىردا ئۆلۈپ كەتكەن. قەدىمكى زاماندىكى تارىخشۇناسلار بۇ ياشانغان <توكۇر> پادىشاھ كېيىنكى مەزگىلدىكى سپارتادىكى بىر مۇھىم ئەرباب ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىغان.