Uyghur←Chinese主要词典
ئاگىس
دۇنيا تارىخى
亚基斯四世
yà jī sī sì shì
مىلادىدىن ئىلگىرى تەخمىنەن 262 - 241( قەدىمكى سپارتا پادىشاھى )تەخمىنە مىلادىدىن ئىلگىرى 244 - 251(. ئېندامىدوس Ⅱ نىڭ ئوغلى. تەختكە ئولتۇرغاندىن كېيىن، سپارتا جەمئىيىتىنىڭ زىددىيەتلىرىنى پەسەيتىپ، لىكورگوسنىڭ كونا تۈزۈمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، تەپتىش ئەمەلدارى لىساندېرنىڭ قوللىشى بىلەن، ئىجتىمائىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان؛ مەزمۇنى: قەرزنى بىكار قىلىش، قەرز ھۆججەتلىرىنى كۆيدۈرۈۋېتىش بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەن ھەمدە ئاقسۆڭلەكلەرنىڭ يەرلىرىنى دۆلەت ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈۋېلىپ، ئۈلۈشكۈك يەرگە ئايرىپ )20 مىڭ ئۈلۈشكلۈك قىلىپ(، ۋەيران بولغان سپارتالىقلارغا ۋە ھەربىي خىزمەت ئۆتىيەلەيدىغان پېرىئوئېكلارغا بۆلۈپ بەرمەكچى بولغان ۋەھاكازالار. يەنە بىر پادىشاھ لېئونىداس Ⅱ )تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 285 - 236( بەشچىلىقىدىكى ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھى كەسكىن قارشى تۇرغاچقا، لىساندېر ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. ئەيتولىيىلىكلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئەگىس Ⅳ ئالدىراپ - تېنەپ ئۇرۇشقا چىققان. ئاقسۆڭەڭلەر گۇرۇھى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى بىكار قىلغان، ئاگىس Ⅳ قايتىپ كەلگەندە، تۈرمىگە تاشلانغان ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ئۇنىڭ ئانىسى ۋە مومىسىمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.