Uyghur主要词典
ئاغزىنى ياغلىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋ مەلۇم مەنپەئەتنى كۆزلەپ، بىرىگە بىرەر نەرسە - پۇل بېرىپ ئاغزىدىن ئىلىۋالماق.
پارا بەر، بەرگىنىڭنى دېمە. ئارىلىق بەرگەن دەۋاگەر ئاخىر زىيان تارتىدۇ. ئاغزى مايلاشقاننىڭ تىلى ياغلىشار. بەگلەرنىڭ ئاغزىنى ياغلاشقا كەمبەغەللەرنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. ئاغزىغا ئۇرساڭ بولمامدۇ؟ ئىشىڭ ئاقاتتى.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بىرەر مەقسەت ۋە مۇددىئانى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن باشقىلارغا پارا بەرمەك، سوۋغا ۋە زىياپەت بېرىپ ئالدىماق، كانىيىدىن ئىلۋالماق: ھىيلىگەر باي ئاخشىمى ئوغرىلىقچە نۇرغۇن سوۋغا- سالاملارنى ئەكېلىپ قازىنىڭ ئاغزىنى ياغلاپتۇ.