Uyghur主要词典
ئاغزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يېشى كىچىك، ئاقىل ۋە بالىغ بولمىغان.
«سەبىي، سەغىرە، نارەسىدە» لە كۆپىنچە قىز بالىغا قارىتىپ ئېيتىلىدۇ.
گۆدەك گۆدەكلىكىنى قىلماي قويمايدۇ. قېرى كىشى بولسا نادان ۋە جاھىل، ئەقىللىق گۆدەكنى ئۇندىن ئەۋزەل بىل. سەبىي بالىغا دادىسىنىڭ ساقلىمۇ قورغان. سەغىرە قىز - پاك قىز. نارەسىدە قىزنى زورلاپ ئەرگە بەرمەك - جىنايەت. ئاغزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن بىر بالا بىلەن تەڭ بولۇپ نېمە قىلىسەن؟ ئاغزىدىن ئوغۇز سۈتىنىڭ پۇرىقى كەتمىگەن شۇ سەبىي بالىلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كەلگۈلۈكنى كۆرۈپ، ئۇ كۆزىگە ياش ئالدى.