Uyghur主要词典
ئاغزىدىن شۆلگەيلىرى ئاقماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يەيدىغان نەرسىنى كۆرۈپ يېگۈسى كەلمەك، نەپسى تاقىلدىماق.
باينىڭ بالىسى تاڭگازا يەپتۇ، كەمبەغەلنىڭ بالىسىنىڭ ئاغزىغا سېرىقسۇ كەپتۇ. ئويناپ - كۈلۈپ يۈرگەنلەرنى كۆرگەندە، ئايۇپنىڭ ئاغزىدىن شۆلگەيلىرى ئاقاتتى.
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
باشقىلارنىڭ ياخشى نەرسىلىرىنى، تائاملىرىنى كۆرگەندە شۇنىڭغا ئېرىشىش تەمەسىدە بولماق، نەپسى تاقىلداپ ئاغزىغا سېرىقسۇ كەلمەك: باينىڭ بالىلىرى مەززىلىك غىزالارنى يەۋاتقانلىقىنى كۆرگەن بالىنىڭ ئاغزىدىن شۆلگەيلىرى ئاقتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەمەخورلۇق قىلماق، نەپسى تاقىلدىماق.
ھەددىدىن ئارتۇق ماختىماق، ئادەتتىن تاشقىرى خۇشامەت قىلماق.