Uyghur←Chinese主要词典
ئاغرىش سېزىمى
بىئولوگىيە
痛觉
tòngjué
ئورگانىزم زەخمىلىنىش خاراكتېرلىك غىدىقلاشقا ئۇچرىغاندا كۆپىنچە ئاغرىش سېزىمى ھاسىل بولىدۇ. ئاغرىش سېزىمى رېتسېپتورلىرى پۈتۈن بەدەنگە دېگۈدەك تارقالغان. تېرىنىڭ ئاغرىش رېتسېپتورلىرىدىن باشقا مۇسكۇل، مۇسكۇل پېيى، بوغۇم (ئۈگە)، سېرىقئەت شۇنىڭدەك ئىچكى ئەزا ئورگانلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاغرىش سېزىمى رېتسېپتورلىرى بولىدۇ. تېرىنىڭ ئاغرىش رېتسېپتورلىرى بولسا توچكىسىمان تارقالغان بولىدۇ. ئاغرىق سېزىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشنىڭ مۇۋاپىق تەسىرى ياكى غىدىقلاش شەكلى بولمايدۇ. ھەرقانداق شەكىلدىكى غىدىقلاشلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلىك سىجىللىقتىن ئېشىپ كېتىپ زەخىملەش خاراكتېرىدىكى غىدىقلاشقا ئايلانسا (مەسىلەن، قاتتىق سوغۇق، ئارتۇقچە ئىسسىق شۇنىڭدەك ھەددىدىن زىيادە كۈچلۈك بولغان ھەرخىل خىمىيىلىك ئامىللار ۋە فىزىكىلىق ئامىللار) ئورگانىزمغا تەسىر قىلغاندا ئوخشاشلا ئاغرىش سېزىمىنى پەيدا قىلالايدۇ. ئاغرىش سېزىمى قوغداش خاراكتېرلىك فىزىئولوگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاغرىش سېزىمى پەيدا بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپىنچە ۋېگېتاتىۋ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئەكس تەسىرلىرىمۇ ئەگىشىپ بىللە پەيدا بولىدۇ. مەسىلەن، ئادرېنالىننىڭ ئاجرىلىشى كۆپىيىدۇ، قان ئاشىدۇ، قان بېسىمى ئۆرلەيدۇ ۋە باشقىلار. قاتتىق ئاغرىش يەنە يۈرەك پائالىيىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى، قان بېسىمىنىڭ جىددىي تۆۋەنلىشى، نەپەسلىنىشنىڭ قالايمىقانلىشىشى قاتارلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ. ئىچكى ئەزالارنىڭ ئاغرىشى تېرىنىڭ ئاغرىشىغا ئانچە ئوخشاشمايدۇ. ئىچكى ئەزالارنىڭ ئاغرىشىغا بولغان سېزىم نىسبەتەن ئاستىراق (سۇسراق)، داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزۇنراق، ئورنى ئېنىق ئەمەس ۋە غىدىقلاشقا بولغان پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ناچارراق بولۇش قاتارلىق پەرقلەرگە ئىگە. ئىچكى ئەزا ئورگانلىرىنىڭ كېسىلىشى ۋە كۆيۈشى قاتارلىقلارنىڭ ئاغرىش سېزىمىنى ھاسىل قىلالىشى ناتايىن؛ لېكىن مېخانىك تارتىلىش، قان يېتىشمەسلىك ۋە ياللۇغلىنىش قاتارلىقلارغا بولسا، خېلى سەزگۈر بولىدۇ. ئىچكى ئەزا ئورگانلىرى زەخىملەنسە، كۆپ ھاللاردا بەدەلى قان يېتىشمەسلىكى ياكى تىقىلمىسى يۈز بەرگەندە يۈرەكنىڭ ئالدى رايونى، سول يەلكە ۋە سول بېلەكلەرنىڭ ئاغرىشى پەيدا بولىدۇ، ئۆتتە كېسەللىك پەيدا بولغاندا ئەڭ يەلكىدە ئاغرىش كۆرۈلىدۇ ۋە باشقىلار.
تېببىي,ئاناتومىيە
痛觉
tòng jué