Uyghur主要词典
ئاغماق
شىۋىلەر
ئۆرلىمەك، كۆتۈرۈلمەك. مەسىلەن: يۈرىكىم ئاغدى _ يۈرىكىم خۇددى يۇقىرى ئۆرلىگەندەك بولدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
بىرەر تەرەپكە يېتىپ قىيا ھالەتكە كەلمەك، قىيسايماق.
ھارۋىدىكى يۈك سول تەرەپكە ئېغىپ ھارۋا ئۆرۈلۈشكە باشلىغاندا، ھارۋىكەش ھارۋىنى دەرھال توختاتتى.
توغرا يولدىن ياكى بەلگىلىك يۆنىلىشتىن چەتنىمەك، چەتكە چىقماق: ئايروپىلان ھاۋا يولى يۆنىلىشىدىن ئاغدى.
كۆچمە. غەلىتە، بىر قىسما بولماق.
نېمە ئۈچۈندۇ يۈرىكىم بىردىنلا ئېغىپ، ساراسىمىگە چۈشۈپ قالدىم
بىرەر تەرەپكە يۆنەلمەك، قارىماق.
ئاغدى كۆزى، كۆردى ئۇندىن تال - تال دورىنى، كۆردى ئوماق جىلۋە ئەيلەپ تۇرغان يارىنى.
كۆچمە. بىر تەرەپكە ئۆتمەك، يۆتكەلمەك، مايىل بولماق، يان باسماق.
ھازىرقى زاماندا كىم ئەمەلدار بولسا كىشىلەر شۇنىڭ تەرەپدارى بولۇپ ئۇنىڭغا ئاغىدۇ.