Uyghur主要词典
ئاغىچە
ئاغىچە[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[كەسىپ تۈرى:]>بوتانىكا<[يەشمىسى:] ① كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق، سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك. يوپۇرمىقى ئۈچتىن يەتتىگىچە يېرىلىدۇ، گۈلى تاق جىنسلىق، رەڭگى سېرىق كېلىدۇ، مېۋىسى ئۇزۇن، تورلىشىپ كېتىدۇ، تېبابەتچىلىكتە دورا قىلىنىدۇ، ئائىلىلەردە قازان يۇيۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.[يەشمىسى:] ② شۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى. ئاغىچىنىڭ قۇرۇتۇلغان پىششىق مېۋىسىنىڭ تەبىئىتى 2-دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق. كۈچلۈك سۈرۈش رولى بار بولۇپ، ھەيز، چوڭ-كىچىك تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش ھەمدە جاراھەتنى پۈتتۈرۈش، يەرقان، ئىستىسقا، رېماتىزم، سىفلىس، جوزام، يۆتەل، دەم سىقىش ۋە خۇن چىگىلىشىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. مىقدارىدىن ئېشىپ كەتسە قانلىق ئىچ ئۆتكۈ پەيدا قىلىپ، ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ قويىدۇ. سېرىق ماي، كالا يېغى ۋە باشقا ياغلارنى ئىچكۈزسە زىيانلىق تەسىرى قايتىدۇ.