Uyghur←Chinese主要词典
ئافرىقا مۇستەقىل دۆلەتلەر كېڭىشى
دۇنيا تارىخى
非洲独立国家会议
fēi zhōu dú lì guó jiā huì yì
1958-يىل 4-ئاينىڭ 15 - 22-كۈنلىرى گانانىڭ پايتەختى ئاكرادا ئۆتكۈزۈلگەن. گانا زۇڭلىسى ئىنكرۇمانىڭ تەشەببۇسى بىلەن چاقىرىلغان. كېڭەشكە گانا، ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى (مىسىر، سۈرىيە)، لىۋىيە، تۇنىس، ماراكەش، سۇدان، ئېفىئوپىيە ۋە لىبىرىيىدىن ئىبارەت ئافرىقىدىكى سەككىز مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشقان، شۇ چاغدا تېخى مۇستەقىللىككە ئىگە بولمىغان ئالجىرىيە، كامېرون قاتارلىق دۆلەتلەردىكى مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىمۇ يىغىنغا قاتناشقان. كېڭەشتە ئافرىقا دۆلەتلەرىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان دىپلوماتىيە سىياسىتى، ئافرىقىدىكى مۇستەقىل بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىستىقبالى، ئالجىرىيە مەسىلىسى، ئىرقىي مەسىلە، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىكىنى قوغداش تەدبىرلىرى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە پىكىر ئالماشتۇرغان ھەمدە 11 تۈرلۈك قارار ماقۇللىغان. 1960-يىل 6-ئاينىڭ 14 - 24-كۈنلىرى ئېفىئوپىيىنىڭ پايتەختى ئەددىس - ئەددىس - ئەبېبەدە ئىككىنچى قېتىملىق يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن، ئۇنىڭغا ئافرىقىدىكى 20 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ۋە كۆزەتكۈچىلىرى قاتناشقان. يىغىن ئالجىرىيە خەلقىنىڭ كۈرىشىنى قوللاپ، جەنۇبىي ئافرىقا قوشما شتاتىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنى ئەيىبلىگەن، فرانسىيىنىڭ سەھرايى كەبىر ياكى ئافرىقىنىڭ باشقا زېمىنلىرىدا يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشنى چەكلەش ۋە ئافرىقا ئىقتىسادىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە قارار چىقارغان ھەمدە ئافرىقىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇستەقىللىك - ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، بىر ئالاھىدە فوند تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان.