Uyghur←Chinese主要词典
ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى
领域: دۇنيا تارىخى非洲统一组织
fēi zhōu tǒng yī zǔ zhī
ئافرىقىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەر ئۇيۇشتۇرغان قىتئە خاراكتېرلىك خەلقئارا تەشكىلات. 1963-يىلى 5-ئايدا ئافرىقىدىكى 31 مۇستەقىل دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ياكى ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ئېفىئوپىيىنىڭ پايتەختى ئەددىس - ئەبېبەدە يىغىن ئۆتكۈزگەن. 25-مايدا < ئافرىقا بىرلىكى تەشكىلاتى نىزامنامىسى> نى ماقۇللاپ، قۇرۇلغانلىقى جاكارلانغان. نىزامنامىگە ئىمزا قويغان كۈنى <ئافرىقا ئازادلىق كۈنى> قىلىپ بېكىتىلگەن. 1980-يىلى 5-ئايغىچە ئەزا دۆلەتلەر جەمئىي 50 كە يەتكەن. نىزامنامىدىكى بەلگىلىمىگە ئاسەن، تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى: ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ بىرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي، دىپلوماتىيە، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مۇستەقىللىكىنى قوغداپ، بارلىق شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىكنى ئافرىقىدىن پۈتۈنلەي تازىلاپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. دۆلەت باشلىقلىرى كېڭەشمىسى تەشكىلاتنىڭ ئالىي ئورگىنى بولۇپ، ھەر يىلى ئاز دېگەندە بىرقېتىم يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئۆز تەشكىلاتىنىڭ باش سىياسىتىنى ماسلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. مىنىستىرلار مۇدىرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ياكى ھۆكۈمەت تەيىنلىگەن باشقا مىنىستىرلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ھەر يىلى ئاز دېگەندە ئىكى قېتىم يىغىن ئۆتكۈزىدۇ، باشقىلار كېڭەشمىسىنىڭ قارارلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ ھەمدە باشقىلار كېڭەشمىسىگە تەييارلىق قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ. كاتىبات باشقارمىسى تەشكىلاtىنىڭ دائىمىي مەركىزىي ئورگىنى. ئازادلىق كومىتېتى ئافرىقىدىكى مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ ئافرىقىدىكى مۇستەقىل بولمىغان دۆلەتلەر مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە بېرىدىغان ياردەملىرىنى تەڭشەشكە مەسئۇل بولىدۇ. يەنە كېسىم كومىتېت قاتارلىق ئورگانلىرىمۇ بار. باش ئورگىنى ئەددىس - ئەبېبەدە قۇرۇلغان.
领域: قانۇنشۇناسلىق非洲统一组织
fēi zhōu tǒng yī zǔ zhī
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。