Chinese→Uyghur主要词典
亚非会议
دۇنيا تارىخى
ئاسىيا - ئافرىقا يىغىنى
<باندۇڭ يىغىنى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاسىيا - ئافرىقا ئەللىرى تۇنجى قېتىم غەرب مۇستەملىكىچى ئەللىرى قاتناشمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئاچقان خەلقئارالىق يىغىن. 1955-يىل 4-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ھىندۇنېزىيىنىڭ باندۇڭ شەھىرىدە ئېچىلغان يىغىننى بىرما، سەيلون (ھازىرقى سرىلانكا)، ھىندىستان، ھىندۇنېزىيە ۋە پاكىستاندىن ئىبارەت باش دۆلەتنىڭ زۇڭلىلىرى 1954-يىل 12-ئايدىكى بېيتېنزورگ يىغىنىدا بىرلىشىپ تەشەببۇس قىلغان. يىغىنغا ئافغانىستان، كامبودژا، جۇڭخۇ خەلق جۇمھۇرىيىتى، مىسىر، ئىفوپىيە، ئالتۇن قىرغاق (ھازىرقى گانا)، ئىران، ئىراق، ياپونىيە، ئىئوردانىيە، لائۇس، لىۋان، لىبېرىيە، لىۋىيە، نېپال، فىلىپپىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى، سۇدان، سۈرىيە، تايلاند، تۈركىيە، ۋيېتنام دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى، يەمەن ( ھازىرقى ئەرەب يەمەن جۇمھۇرىيىتى)قاتارلىق دۆلەتلەر قاتناشقان. يىغىن ئاسىيا، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ دوستلۇق - ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ۋە ئاسىيا - ئافرىقا ئەللىرى خەلقلىرىگە ئالاھىدە پايدا - زىيان مۇناسىۋىتى بولغان مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان. يىغىن مىللەتچىلىك ۋەمۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى، دۇنيا تىنچلىقى، يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەڭ كۆلەمدە مۇزاكىرە قىلغان. جۇڭگو ۋە يىغىنغا قاتناشقان كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، جاھانگىرلارنىڭ يىغىنغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك سۇيىقەستى مەغلۇپ قىلىنىپ، ئاسىيا - ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن ئورتاق پايدا - زىيان مۇناسىۋىتى بولغان بېقىندى ئەللەر خەلقلىرى، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇقى ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ھەمكارلىقى قاتارلىق مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان ھەمدە بىردەك <ئاسىيا - ئافرىقا يىغىنىنىڭ ئاخىرقى ئاخباراتى> ماقۇللانغان. ئاخباراتتا مۇستەملىكىچىلىك ئۆزىنىڭ بارلىق ئىپادىلىرىدە تۈپ يىلتىزىدىن تېز يوقىتىشقا تېگىشلىك بولغان بىر خىل ئاپەت ئىكەنلىكى، بارلىق ئەللەر خەلقى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش كېرەكلىكى، بۈگۈنكى كۈندە يەنىلا بېقىندى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان ئەللەر خەلقىگە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كېچىكتۈرمەستىن ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىك بېرىش كېرەكلىكى جاكارلانغان ھەمدە تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنىڭ ئون پرىنسپىنى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشى، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئاساسى قىلىش لازىملىقى تەشەببۇس قىلىنغان. يىغىندا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئاسىيا - ئافرىقا خەقلىرىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىقى، جاھانگىرلىك ۋە مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە قوغداش، دۇنيا تىنچلىقى ۋە ھەرقايسى ئەللەر خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى قوغداش روھى <باندۇڭ روھى> دېيىلگەن.
قانۇن
yà fēi huì yì
ئاسىيا - ئافرىقا يىغىنى