Uyghur主要词典
ئافاناسېيۋو مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى سىبېرىيىدىكى مىس قوراللار بىلەن تاش قوراللار بىرلىكتە ئىشلىتىلگەن دەۋردىكى مەدەنبىيەتنىڭ بىرى. دەسلەپتە مىنۇسىنسكى ئەتراپىدىكى ئافاناسېيۋو دېگەن جايدىن تېپىلغاچقا، شۇنداق دەپ ئاتالغان. يېنىسېي دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمى ۋە ئالتاي رايونىغا تارقالغان. ئىقتىسادىي تۇرمۇشى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، كىچىك تىپتىكى نەپىس مىس ئەسۋابلار ۋە مىس قوراللار بولغان. قەبرىلىرى كىچىك تىپتىكى گۆر بولۇپ، گۆر ئاستىغا ئاق قېيىن دەرىخىنىڭ قوۋزىقى سېلىنغان، جەسەتكە كىيىم كىيگۈۈزپ، پۇت - قوللىرى پۈكتۈرۈلۈپ دەپنە قىلىنغان. كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك ۋە تۇرمۇش جابدۇقلىرى قاتارلىقلار قوشۇپ دەپنە قىلىنغان بولۇپ، ئۈستى تاختاي ياكى ياغاچ بىلەن يېپىلغان. ئەرلەرنىڭ قەبرىسىدىن بەزىدە قوشۇپ دەپنە قىلىنغان ئاياللارنىڭ جەسىتى تېىپىلغان. ساپال قاچىلىرى دەسلەپتە كۆپىنچە ئۇچلۇق بولغان، كېيىن يۇمىلاق شەكىلدىكىلىرى، ئاخىرىدا لوڭقا شەكىلدىكىلىرى بارلىققا كەلگەن. قورال - سايمانلىرىنىڭ كۆپى تاش قوراللار ۋە سۆڭەك قوراللار بولۇپ، كىچىك تىپتىكى قىزىل مىس قوراللارمۇ بولغان. ۋاقتى تەخمىنەن مىلادىدىن 3000 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىن 2000 يىل ئىلگىرىكى يىللارغىچە بولغان دەۋرنىڭ دەسلىپىگە توغرا كېلىدۇ. ئانىلىق تۈزۈمدىن ئاتلىق تۈزۈمگە ئۆتۈش باسقۇچىغا مەنسۇپ.