Uyghur←Chinese主要词典
ئادرېنالىن
بىئولوگىيە
肾上腺素
shènshàngxiànsù
<بۆرەك ئۈستى بېزى گورمونى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۆرەك ئۈستى بېزى ئىلىك ماددىسى ئادرېنالىن ۋە نور ئادرېنالىندىن ئىبارەت ئىككى گورمون ئاجرىتىدۇ، لېكىن نورئادرېنالىننىڭ مىقدارى ناھايىتى ئاز بولغاچقا بۆرەك ئۈستى بېزى يىلىك ماددىسىنىڭ ئاجراتقان ئاساسلىق گورمونى ئادرېنالىن ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئامىن خىلىدىكى بىرىكمە تروزىندىن كەلگەن بولۇپ، سىنتېزلىنىش جەريانىدا نورئادرېنالىنلار مېتىللىشىپ ئادرېنالىنغا ئۆزگىرىدۇ. ئادرېنالىن يۈرەك سوقۇشنى كۈچەيتىپ تېزلىتىدۇ. كىچىك ئارتېرىيىلەرنى قىسقارتىپ قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ؛ جىگەر گلىكوگېنىنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ قان قەنتىنى ئۆرلىتىدۇ. شۇنىڭدەك يەنە ئاشقازان - ئۈچەيلەر ۋە كانايچىلارنىڭ سىلىق مۇسكۇللىرىنى ئۇزارتىش، قارچۇقنى چوڭايتىش، يۇڭ - تۈكلەرنى ئۆرە قىلىش قاتارلىق روللارغا ئىگە. بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ يىلىك قىسمى سىمپاتىك نېرۋىلارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، سىمپاتىك نېرۋىلار غىدىقلانغاندا ئادرېنالىننىڭ ئاجرىلىشى كۆپىيىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادرېنالىننىڭ رولى بىلەن سىمپاتىك نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرى قويۇپ بەرگەن نورئادرېنالىننىڭ رولى ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئورتاق ھالدا سىمپاتىك - بۆرەك ئۈستى بەز سىستېمىسىنى تۈزۈپ ئورگانىزمنىڭ كۆپ خىل فىزىئولوگىيىلىك پائالىيەتلىرىنى تەڭشەيدۇ. بۇ دورا كلىنكىدا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش خاراكتېرلىك شۈك، يۈرەك بىردىنلا توختاپ قېلىش قاتارلىق كېسەللىكلەرنى قۇتقۇزۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئۇنىۋېرسال,تېببىي,تەنتەربىيە
肾上腺素
shèn shàng xiàn sù