Uyghur主要词典
ئادرىيانوپول ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
غەربىي گوتلار رىمنى مەغلۇپ قىلغان بىر قېتىملىق ئۇرۇش. مىلادى 375-يىلى، گوتلارنىڭ بىر تارمىقى بولغان غەربىي گوتلار (ۋىسى گوتلار) رىم پادىشاھىنىڭ رۇخسەت قىلىشى بىلەن، شىمالدىكى داكىيە (ھازىرقى رومىنىيە) دىن چىقىپ، دۇنيا دەرياسىدىن ئۆتۈپ، مىسىيە ئۆلكىسى ۋە فراكىيە ئەتراپىغا كۆچۈپ كەلگەن. كۆچۈپ كەلگەن غەربىي گوتلار رىم ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېزىشى ۋە زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىشىغا چىدىماي،كەڭ كۆلەملىك ئىسيان كۆتۈرۈپ (376)، شۇ جايدىكى تۆۋەن تەبىقە خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ، رىم دائىرىلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەن. 378-يىلى رىم پادىشاھى ۋالېنىس 40 مىڭ كىشىلىك لەشكەر باشلاپ چىقىپ، ئادرىيانوپول (فراكىيە چېگرىسى ئىچىدە) دا غەربىي گوتلارغا قارشى شىددەتلىك جەڭ قىلغان. رىم لەشكەرلىرى مەغلۇپ بولۇپ، پادىشاھ ۋالېنىس جەڭدە ئۆلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن غەربىي گوتلار ئىتالىيىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلىپ، رىم ھۆكۈمرانلىقىغا داۋاملىق زەربە بەرگەن.