Uyghur←Chinese主要词典
ئادېنوزىل مېتىئونىن
بىئولوگىيە
腺苷蛋氨酸-S
xiàngāndànānsuān-S
ئۇ مېتىئونىن بىلەن ATP نىڭ رېئاكسىيىلىشىشىدىن ھاسىل بولىدىغان ئاكتىپ شەكىل بولۇپ، مېتابولىزمدىكى مېتىلىشىشنىڭ مۇھىم بىر تەمىنلىگۈچىسى، ئۇنىڭدىكى مېتىل رادىكالى بىلەن گۈڭگۈرت ئارىلىقىدا يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك باغ ھاسىل بولىدۇ. ماس ھالدىكى مېتال ترانسىفېرازىنىڭ تەسىرىدە مېتال رادىكالىنى نۇرغۇنلىغان قوبۇل قىلغۇچىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ. مېتىل رادىكالىنى يوقاتقان ھاسىلات S - ئادېنوزىن بىلەن ئوخشاش تىپتىكى سىستېن بولۇپ، ئۇ يەنەگىدرولىزلىنىپ ئوخشاش تىپلىق سىستېئىننى ھاسىل قىلىدۇ. بىر قەدەم ئىلگرىلىگەن ھالدا سىستىن بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ سىستاتىئونىننى ھاسىل قىلىدۇ، كېيىنكىسىدىن بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ سىستئىن سىنتېزلىنىدۇ. شۇڭا S - ئادېتوزىل مېتيونىن يەنە سىستىئىن ۋە سىستىنلارنىڭ S بىلەن تەمىنلىگۈچىسىدۇر. سىستاتىئونىنىڭ مىقدارى ساغلام ئادەملەرنىڭ مېڭىسىدە ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ. لېكىن سىستاتىئونىنى سىنتېتازا كەمچىل بولىدىغان ئىرسىي كەمتۈكلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ ئەقلى كەمچىل بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ، بۇ خىل ئىرىسي كېسەللىككە گىرىپتار سىستېئىننىڭ سىستىنغا ئايلىنىپ، سۈيدۈك بىلەن تەن سىرتىغا چىقىرىلىپ كېتىشى سۈيدۈكتە سىستېئىن يۇقىرىلاپ كېتىش كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ.