Uyghur←Chinese主要词典
ئادەتتىن تاشقىرى تورمۇزلىنىش
پسىخولوگىيە
超限抑制
chāo xiàn yì zhì
ئورگانىزم ھەددىدىن ئارتۇق ياكى ئۇزاق ۋاقىت تەسىر قىلىدىغان غىدىقلىغۇچنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، قوزغىلىش جەريانى كۈچلۈك بولۇپ، نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ قوزغىلىشى چېكىدىن ئېشىپ كەتسە، تورمۇزلىنىش جەريانىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ بىر خىل شەرتسىز تورمۇزلىنىش بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى تورمۇزلىنىش دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ خىل تورمۇزلىنىش ھەددىدىن ئارتۇق قوزغىلىشنىڭ نېرۋا مەركىزىنى زەخمىلەندۈرۈشىدىن ساقلايدۇ. بۇ نېرۋا مەركىزىنىڭ ئۆزىنى ئاسراشتىكى بىر خىل ئۇسۇلى. دېمەك بۇ قوغدىنىش خاراكتېرلىك تورمۇزلىنىش ياكى مۇداپىئە خاراكتېرلىك تورمۇزلىنىشدۇر.