Uyghur主要词典
ئادەتتىكى تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا ساقلاش
领域: بىئولوگىيەئادەتتە كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل ساقلاش ئۇسۇلى. بۇ ئۇسۇلدا ساقلىنىدىغان ئۇرۇقلۇق باكتېرىيە مۇۋاپىق قاتتىق ئۆستۈرگۈچىنىڭ يانتۇ يۈزىگە ئېكىپ مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، ئۆسۈپ بولغان باكتېرىيە ئۇرۇقىنى يانتۇ يۈز بىلەن قوشۇپ ئوراپ. تېمپېراتۇرىسى 4 سېلتسىيە گرادۇس ئەتراپىدا بولغان توڭلاتقۇ ئىچىدە ساقلىنىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن ساقلاشقا ئېھتىياجلىق بولسا، بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە قايتىدىن يېڭى ئۆستۈرگۈچكە يۆتكەپ ئۆستۈرگەندىن كېيىن، يەنە توڭلاتقۇغا سېلىپ ساقلىنىدۇ. ۋاقىت ئارىلىقىىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى ئۇرۇقلۇق باكتېرىيىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ، ئادەتتە بىر ئايدىن يېرىم يىلغىچە بولىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇل نىسبەتەن ئاددىي، بىراق كۆپ قېتىم يۆتكەپ ئەۋلاد ھاسىل قىلىدىغانلىقتىن، ئۇرۇقلۇق باكتېرىيە ئاسان ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。