Uyghur主要词典
ئاددىي ئىنكاس ۋاقتى ۋە مۇرەككەپ ئىنكاس ۋاقتى
پسىخولوگىيە
ئىنكاسنى ئاددىي بىلەن مۇرەككەپ ئىنكاسقا بۆلۈش مۇمكىن. ئىنكاس ۋاقتىنىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئاددىي ئىنكاس ۋاقتى بىلەن مۇرەككەپ ئىنكاس ۋاقتىغا بۆلۈش مۇمكىن. ئاددىي ئىنكاس بىرلا غىدىقلىغۇچقا بىلدۈرۈلگەن ئېنىق ئىنكاستۇر. مەسىلەن: چىراغنىڭ يېنىشىنى ئىدراك قىلىش بىلەن تەڭلا دەرھال كۇنۇپكىنى بېسىش. نېرۋامەركىزىنىڭ بۇ جەرياندىكى پائالىيىتى بىر قەدەر ئاددىيراق بولىدۇ. پەقەت غىدىقلىغۇچىنى ئىدراك قىلىش بىلەنلا دەرھال ئىنكاس بىلدۈرلىدۇ. جىق ئويلاش ۋە تاللاشنىڭ ھاجىتى يوق. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، كۆرۈش ياكى ئاڭلاش سەزگۈسى غىدىقلىغۇچ تەسىر قىلغاندىن كېيىن 0.14 - 0.18 سېكۇنت ئىچىدە ئىنكاس بىلدۈرەلەيدۇ. مۇرەككەپ ئىنكاس تاللاش خاراكتېرلىك ئىنكاس (ياكى پەرق ئېتىش ئىنكاسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بولۇپ، ئۇ غىدىقلىغۇچىنىڭ پەرقىگە قاراپ تۈرلۈك ئىمكانىيەتلەردىن تەلەپكە مۇۋاپىقىنى تاللاپ ئىنكاس بىلدۈرۈشتۇر. تەجرىبىدە بىر قانچە خىل رەڭدىكى چىراغ قوللىنىلىدۇ. تەجرىبە ئوبيېكتلىرىدىن مەلۇم رەڭدىكى چىراغ يانسا، مەلۇم بىر بارماق بىلەن ئىنكاس بىلدۈرۈش (مەسىلەن، قىزىل چىراغقا بىگىز بارماق بىلەن، يېشىل چىراغقا ئوتتۇرا بارماق بىلەن ئىنكاس بىلدۈرۈش) تەلەپ قىلىنىدۇ؛ ياكى نۇرغۇن كۇنۇپكىلاردىن مەلۇم بىر كۇنۇپكا ئارقىلىق ئىنكاس بىلدۈرۈش تەلەپ قىلىنىدۇ. تاللاش خاراكتېرلىك ئىنكاستا نېرۋا مەركىزىنىڭ پائالىيىتى مۇرەككەپ بولۇپ، مەلۇم تەپەككۇر پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، تاللاش، توغرا ئىنكاس ھەرىكىتى يۈرگۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. تۇرمۇشىمىزدىكى كۆپلىگەن ھەرىكەتلەر مۇشۇنداق ئىنكاسقا كىرىدۇ. مۇرەككەپ ئىنكاسنىڭ ئىنكاس ۋاقتى ئۇزۇنراق بولىدۇ. ئەڭ دەسلەپكى مۇرەككەپ ئىنكاس پەقەت ئىككى خىل ئىمكانىيەتتىن بىرىنى تاللايدىغان بىر خىل ئىنكاستۇر. مەسىلەن: كۆرۈش سەزگۈسىنىڭ غىدىقلىغۇچقا بىلدۈرگەن ئىنكاس ۋاقتى 0.25 سېكۇنتتىن ئارتۇق. ئىنكاسنىڭ تاللاش ئىمكانىيىتى قانچە زور بولسا، ئىنكاس سۈرئىتى شۇنچە ئاستا بولىدۇ. تاللاش ئىمكانىيىتى تۆت خىل بولسا، ئىنكاس ۋاقتى ئاددىي ئىنكاس ۋاقتىدىن بىر ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. تاللاش ئىمكانىيىتى سەككىز خىل بولسا، ئىنكاس ۋاقتى ئاددىي ئىنكاس ۋاقتىدىن ئۈچ ھەسسىدىن ئارتۇق بولىدۇ.