Uyghur主要词典
ئاداشقان قۇشلار
بىئولوگىيە
قۇشلار قاتتىق بوران قاتارلىق كىلىماتنىڭ بىردىنلا ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن ياكى كېمە - پاراخوتلارغا ئەگىشىپ ئۇچۇش نەتىجىسىدە ئادەتتىكى ياشاش رايونى ياكى نورمال كۆچۈش يولىدا ئاندا - ساندا توپتىن ئايرىلىپ قېلىپ، يوچۇن جايلارغا بېرىپ قالىدۇ. بۇنداق قۇشلار مەزكۇر رايونغا نىسبەتەن ئېيتقاندا <ئاداشقان قۇش> ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، مىسىر ياۋا غازى (Alopochenaegyptiaca) مەملىكىتىمىزنىڭ بېيجىڭ رايونىدا بىر مەھەل ياشىغانىدى.