Uyghur主要词典
ئادالەتسىز
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ھەق - ھەقىقەتكە ئاساسلانمىغان. زوراۋانسىز كىشى، ئادالەتسىز ئۇرۇش
ئادالەتلىك، ئادىل، ھەققانىي
ھەق - ھەقىقەتكە ئاساسلانغان. ئادىل كىشى، ئادالەتلىك ئۇرۇش
ئادالەتلىك ئېغىزدىن يامان سۆز تارتىنار. ئادالەتلىك يېڭەر، ئادالەتسىز يېڭىلەر. ئادالەتلىك ئىشتا ئاجىز كۈچلۈكنى يېڭىدۇ. ئادالەتسىزنىڭ يۈزى قارا، گۆرى تار. ئادالەتسىز ھۆكۈمراننىڭ ئۆمرى قىسقا. ۋاقىت ھەممىدىن ئادىل. پادىشاھ ئادىل بولسا، پۇقرا مايىل بولار. شەيتانغىمۇ ئادىل بول. ھەققانىي ئادەمنىڭ ھىيلىنىڭ لازىمى يوق. ۋاقىت ئەڭ ئادىل سودىيە. زوراۋان زارىقىپ ئۆلەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئادىل بولمىغان، ئادالەتتىن تاشقىرى، ئادالەتكە خىلاپ.
ئادالەتسىز ئۇرۇش.
پادىشاھ زامانىدا بۇنداق ئادالەتسىز ئىشلار كۆپ بولغانىدى.