Uyghur←Chinese主要词典
ئاچىتانىيە
دۇنيا تارىخى
阿奎丹
ā kuí dān
فرانسىيىنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمىدىكى قەدىمكى رايون نامى. دەسلەپتە ئۇنىڭ دائىرىسى گارون دەرياسى بىلەن پىرېنېى تاغلىرى ئوتتۇرىسىدىكى جايلار بىلەن چەكلەنگەن بولۇپ، ئاھالىسى ئىبېرىكلار بىلەن كېلىتلار ئىدى. مىلادىدىن 56 يىل ئىلگىرى رىم گېنېرالى كائېسار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان. Ⅱ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا زېمىن دائىرىسى روۋار دەرياسىغىچەكېڭەيگەن. Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا زېمىن دائىرىسى رۇۋارد دەرياسىغىچە كېڭەيگەن. Ⅴ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەربىي گوتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. 507-يىلى فرانك پادىشاھلىقىغا قوشۇلغان. تەخمىنەن 670-يىلى كىنەزلىك بولۇپ قۇرۇلغان. 1137-يىلى گېرتسوگنىڭ ۋارىسى ئېلېئانور فرانسىيە كورۇلى لۇئى Ⅶ گە ياتلىق قىلىنغان. 1152-يىلى ئاجرىشىپ، ئانجو گرافى ھېنرىگە ياتلىق بولغان. 1154-يىلى ھېنرى ئەنگلىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆزىنى ھېنرى Ⅱ دەپ ئاتىغان، شۇنداق قىلىپ ئاچىتانىيە ئەنگلىيە پادىشاھ جەمەتىنىڭ يېرى بولۇپ قالغان. ئەنگلىيە - فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى 100 يىللىق ئۇرۇشتىن كېيىن، 1453-يىلى فرانسىيىگە قوشۇلغان، تەخمىنەن Ⅹ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ ئاچىتانىيە گېئېن دەپ ئاتالغان.