Chinese→Uyghur主要词典
亚琛和约
دۇنيا تارىخى
ئاخېن سۈلھ شەرتنامىسى
(1) فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيىنىڭ ئىسپانىيىگە قارام بولغان نېدېرلاندىيىنى تالىشىش ئۇرۇشى (1667 - 1668) غا خاتىمە بەرگەن سۈلىھ شەرتنامە. 1668-يىل 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاخېندا ئىمزالانغان. شەرتنامىگە ئاساسەن: فرانسىيە بېلگىيە چېگرىسى ئىچىدىكى بەزى جايلار (لىل، چارلېروئى قاتارلىقلار) غىلا ئىگە بولغان ھەمدە ئىشغال قىلىۋالغان فرانسىې - كومىتېتى ئىسپانىيىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولغان. (2) ئاۋسترىيىنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىش ئۇرۇشىغا خاتىمە بەرگەن سۈلھ شەرتنامە. 1748-يىل 10-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاخېندا ئىمزالانغان. شەرتنامىنى ئەنگلىيە بىلەن گوللاندىيە بىر تەرەپ، فرانسىيە بىر تەرەپ بولۇپ ئىمزالىغان. ئارقىدىن ئاۋستىرىيە، ئىسپانىيە ۋە ساردىنىيە كەينى - كەينىدىن قاتناشقان. شەرتنامىدە كارل Ⅵ نىڭ يارلىقى ۋە مارىيە تېرېسىئانىڭ پادىشاھلىق تەختكە ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن. شەرتنامىگەئاساسەن پرۇسسىيە سىتسىلىيىگە ئىگە بولغان، ئىسپانىيە بىلەن ساردىنىيە ئاۋسترىيىنىڭ ئىتالىيە چېگرىسى ئىچىدىكى بەزى بېقىندى يەرلىرىگە ئىگە بولغان؛ فرانسىيە ئۇرۇش مەزگىلىدە ئاۋسترىيە ۋە نېدېرلاندىيىدە ئىشغال قىلىۋالغان جايلاردىن ۋاز كەچكەن ھەمدە ھىندىستان ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى بەزى قارام جايلارنى ئەنگلىيىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. ئەنگلىيە نېگىر قۇللارنى سېتىش، سېتىۋېلىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان. بۇ سۈلھ شەرتنامە پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە ئوتتۇرىسىدىكى دۈشمەنلىشىش ۋە رىقابەتنى كۈچەيتكەن.
تارىخ
yà chēn hé yuē
ئاچېن سۇلىھ شەرتنامىسى