Uyghur←Chinese主要词典
ئابخاز ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
领域: دۇنيادىكى شەھەرلەر阿布哈兹自治共和国
ā bù hā zī zì zhì gòng hé guó
سوۋېت ئىتتىپاقى گروزىيە سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى تەركىبىدىكى بىر ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ، گرۇزىيىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان. غەربىي جەنۇبىي تەرىپى قارا دېڭىز سۈيى بىلەن يۇيۇلۇپ تۇرىدۇ. يەر مەيدانە 8600 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 526 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىنىڭ 80% تىن كۆپرەكىنى ئابخازلار تەشكىل قىلىدۇ، ئۇلاردىن باشقا رۇس، گرۇزىن، ئەرمەن قاتارلىق مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان. 1921 - يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. مەركىزى سۇخومىي شەھىرى. ئابخاز ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى چوڭ كاۋكاز تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي يانباغىرلىرى ئىگىلەپ تۇرىدۇ، قارا دېڭىز بويلىرىدا تار سوزۇلغان تۈزلەڭلىكلەر بار. ئىقلىمى مۆتىدىل، نەم كېلىدۇ، دېڭىز قىرغاق رايونلىرى سۇبتروپىك ئىقلىم تىپىغا كىرىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى 1300-1500 مىللىمېترغا يېتىدۇ. دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتردىن ئېگىز بولغان جايلىرى مەڭگۈ ئېرىمەس قار - مۇزلار بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. ئورمانلىقلار پۈتۈن يېرىنىڭ 50% نى ئىگىلەيدۇ. سانائەت - يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلمىغان. دېڭىز قىرغاق رايونلىرىدا لىمون ھەم چاي قاتارلىقلار ئۆستۈرۈلىدۇ. كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرى قېزىپ ئېلىنىدۇ. دېڭىز قىرغانق رايونلىرىدا تۆمۈريول، تاشيول، دېڭىز ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان. مۇھىم شەھەرلەردىن گاگرا، گۇلرىپىشى، گۇدائۇتا قاتارلىقلار بار
关于该词条
这是一个维吾尔语–中文词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。