Uyghur主要词典
ئابۇ سىمبېل ئىبادەتخانىسى
领域: دۇنيا تارىخىقەدىمكى مىسىردىكى 19- سۇلالىنىڭ فىرئەۋىنى رامىسېس Ⅱ سالدۇرغان چوڭ - كىچىك ئىككى ئىبادەتخانا. ئورنى مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئاسۋاننىڭ جەنۇبىغا 230 كىلومېتىر كېلىدىغان تۆۋەنكى نوبىيىدىكى نىل دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا. چوڭ ئىبادەتخانىنىڭ ئۇدۇل تەرىپىگە رامىسېسنىڭ ئولتۇرغان غايەت زور تۆت ھەيكىلى (ئېگىزلىكى 22 مېتىر كېلىدۇ) ئويۇلغان، تاش ئۆڭكۈرنىڭ ئىچىدە تۈۋرۈكلۈك ئۆي، خانا، ئىلاھ ئۆيى بار. ئىلاھ ئۆيىدە ئەينى ۋاقىتتىكى ئۈچ چوڭ دۆلەت ئىلاھى (ئامون، را، بۇتاھا) ۋە ئىلاھلاشتۇرۇلغان رامىسېسنىڭ ئولتۇرغان ھەيكىلى بار. ئىبادەتخانا ئۇستىلىق بىلەن لايىھىلەنگەن. ھەر يىلى ئىككى قېتىم يەنى ئەتىيازلىق كۈن - تۈن توختاش ۋە كۈزلۈك كۈن - تۈن توختاش مەزگىلىدە ئەتىگەنلىك قۇياش نۇرى ئۇدۇل ئىچكىرىكى ئۆيگىچە چۈشۈپ تۇرىدۇ. شەرق شىمالىي قىسمىدىكى كىچىك ئىبادەتخانا ئايال ئىلاھ كىھاتوھىل ۋە پادىشاھنىڭ بانۇسى نېفېرتارى ئۈچۈن سېلىنغان بولۇپ، ئالدى تەرىپىگە پادىشاھنىڭ ئۆرە تۇرغان تۆت ھەيكىلى ۋە بانۇنىڭ ئىكى ھەيكىلى (ئېگىزلىكى 10 مېتىر كېلىدۇ) ئويۇلغان، قالغان جايلىرى چوڭ ئىبادەتخانىغا تەقلىد قىلىپ لايىھىلەنگەن. چوڭ ئىبادەتخانىنىڭ تاش تېمىدا پادىشاھنىڭ يىراققا يۈرۈش قىلىشى تەسۋىرلەنگەن قاپارتما نەقىش بار، بۇلارنىڭ ئىچىدە <كادېش جېڭى> ئەكس ئەتتۈرۈلگەن قاپارتما نەقىش ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخنى تەتقىق قىلىشتىكى قىممەتلىك تارىخىي ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. ئاسۋاندا توغان ياسىغان چاغدا ئىبادەتخانىنى سۇ بېسىپ كەتكىلى تاس قالغان، ب د ت نىڭ مائارىپ، ئىلىم - پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى قۇتقۇزۇش ھەرىكىتى ئۇيۇشتۇرۇپ، 1968-يىلدىن باشلاپ ئىبادەتخانىنى ئەسلىدىكى پېتى بويىچە ئاجرىتىپ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى ئېگىزلىككە يۆتكىگەن.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。