Uyghur主要词典
ئابستراكت
پسىخولوگىيە
كونكرېتلىقنىڭ تەتۈرىسى، ئابستراكتسىيىگە ئاساسلانغاندا مەۋھۇملۇق: ئابستراكت سان. ئابستراكت ئۇقۇم. بىر قانچىلىغان شەيئىنىڭ ئايرىم ماھىيەتلىك بولمىغان خۇسۇسىيەتلىرى پىكرەن چىقىرىپ تاشلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئورتاق، ماھىيەتلىك بەلگىلىرى ئاساسىدا ئۇقۇم شەكىللەندۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، مېۋە ئابستراكت ئۇقۇم، ئۇنىڭ ماھىيەتلىك، ئورتاق بەلگىسى ئۇرۇق. دېمەك، مېۋە ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقلۇق ئەزاسىدۇر. رەڭ، تەم، چوڭ - كىچىكلىك مېۋىلەرنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىسى ئەمەس.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
روسچە
پىكىر قىلىش ئارقىلىق تەسەۋۋۇر قىلىنغان، كونكرېت تەجرىبىدىن ئۆتكۈزۈلمىگەن؛ ئېنىق بولمىغان، مەۋھۇم.
ئابستراكت ئۇقۇم. ئابستراكت تەبىر. ئابستراكت تەپەككۇر.