Uyghur主要词典
ئابسورپسىيىلىك سپېكترومېترئۇسۇلى
领域: بىئولوگىيەتۇراقلىق يورۇقلۇق مەنبەسىدىن ھاسىل بولغان تۇتاش سپېكتر، تەركىبىدە مەلۇم خىل بىرىكمە بولغان ھەقىقىي ئېرىتمىدىن ئۆتكەندە، بۇ بىرىكمە ئۇنىڭدىكى مۇئەييەن دولقۇن ئۇزۇنلۇقىغا ئىگە بولغان مەلۇم ئېلېكترون ماگنىت دولقۇنى (سپېكتر) نى تاللاپ سۈمۈرىدۇ. ئېرىتمىگە سۈمۈرۈلگەن بۇ خىل سپېكتر ئابسورپسىيە سپېكترى دەپ ئاتىلىدۇ. ئابسورپسىيە سپېكترنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ۋە نۇر يىمىرىش قىممىتىنى ئېنىقلاپ ۋە ھېسابلاپ، شۇ بىرىكمىنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە ئېرىتمىدىكى كونسېنتراتسىيىسىنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ. ئابسورپسىيە سپېكتر ئانالىز ئۇسۇلى مۇشۇ نەزەرىيە ئاساسىدا قۇرۇلغان. شۇ ماددىنىڭ ئابسورپسىيە سپېكترىنىڭ يورۇقلۇق (نۇر) زىچلىقىغا ئاساسەن شۇ ماددىنىڭ مىقدارىنى ھېسابلاپ چىققىلى بولىدۇ. نۆۋەتتە ئابسورپسىيە سپېكترىنى ئېنىقلاشتا ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئەسۋابلار ئىشلىتىلىدۇ: كۆرۈنىدىغان نۇ سپېكترو فوتومېترى (دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 4000 ~ 10000 مىللىمىكرون) ئاساسەن ئۇلترا بىنەپشە نۇر دائىرىسىدىكى ئابسورپسىيە سپېكتىرىنى ئېنىقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئىنفرا قىزىل نۇر سپېكتروفوتومېترى (دولقۇن ئۇۇنلۇق6500 cm-1 ~ 400). ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاتوم ئابسورپسىيە سپېكترى سپېكترو فوتومېترىمۇ بار. ئۇ ئاتوم (ھور) لارنىڭ چۈشكەن نۇر سپېكترىغا نىسبەتەن سۈمۈرۈلۈشنى ئېنىقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ئاساسەن مېتال ئېلېمېنتلىرىنى ئېنىقلاشتا ئىشلىتىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。