Uyghur←Chinese主要词典
ئابدۇللا خەلىپە مەھدى
دۇنيا تارىخى
阿卜杜拉哈里发.马赫迪
ā bǔ dù lá hā lǐ fā .mǎ hè dí
(1846 - 1899) سۇداندىكى مەھدى قوزغىلىڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. مەھدى دۆلىتىنىڭ خەلىپىسى (1885 -1898). ئەسلى ئىسمى ئابدۇللا ئىبىن مۇھەممەد. سۇداننىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دارفور رايونى ئىمامىنىڭ ئوغلى. ⅩⅨ ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا مۇھەممەد مەھدى رەھبەرلىكىدىكى ئىسلام دىنى ئىسلاھاتى ھەرىكىتىگە قاتناشقان، 1881-يىلى مەھدى قوزغىلىڭى پارتلىغاندىن كېيىن، باش قوماندان ۋە تۇنجى خەلىپ بولۇپ، قوشۇنغا قوماندانلىق قىلىپ، خەزىنىنى باشقۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلارغا رىياسەتچىلىك قىلغان، خەلىپە بولۇپ تۇرغاندا ئىچكى ئىشلارنى ئىسلاھ قىلىپ، يەرلىك تەپرىقىچى كۈچلەرنى ئاجىزلاشتۇرغان؛قوشۇننى رەتكە سېلىپ، پۈتۈنلەي سۇدانلىقلاردىن تەركىب تاپقان ھوقۇق مەركەزگە مۇجەسسەملەشتۈرۈلگەن تۇنجى دۆلەتنى قۇرغان. ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيىنىڭ ئۇرۇش تەھدىتىگە تىز پۈكمەي، مىللىي مۇستەقىللىكنى قوغدىغان. 1896-يىلى ئەنگلىيە گېنېرالى كىتچېنېر باشچىلىقىدىكى ئەنگلىيە - مىسىر قوشۇنى سۇدانغا تاجاۋۇز قىلغاندا، ئۇ قوشۇننى باشلاپ قارشىلىق كۆرسەتكەن. 1998-يىلى ئومدۇرمان جېڭىدە مەغلۇي بولۇپ جەنۇبقا كەتكەن. ئىككىنچى يىلى جەڭدە ئۆلگەن.