Uyghur主要词典
ئابدۇ دۇڭراش
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(تەخمىنەن 1578 - 1689) چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن تەسەۋۋۇپچى ئاشىق. <ئىسلام مەنبەسى>، <چوڭ گۈمبەز ئەۋلىيالىرىنىڭ تارىخى> ۋە چوڭ گۈمبەز ئابىدىسى بويىچە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 29 - ئەۋلادى. مەدىنىدىكى ئەيندە دۇنياغا كەلگەن. ياش چاغلىرىدا مىسىر، باغدات، تېھران، ئېرۇسالىم قاتارلىق جايلاردا ئوقۇغان. كېيىن باغدات ۋە مەككىدىكى قادىرىيە مەسچىتىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن. كاڭشىنىڭ 12 - يىلى (1673) مەككىدىن (بەزىلەر باغدات ياكى مەدىنىدىن دەيدۇ) جۇڭگوغا كېلىپ، گۇاڭجۇ، جاڭسۇ، ئەنخۇي، خۇبېي، يۈننەن، گۇيجۇ، شەنشى، گەنسۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، دىننى تەبلىغ قىلغان. كاڭشىنىڭ 13 - يىلى خېجۇغا بارغان. بەزى رىۋايەتلەردە غەربىي يۇرتتىن كەلدى. دېيىلىدۇ. ئۇنداق بولسا ئاپاق خوجا بىلەن بىللە كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. دىنىي تەرغىبات پائالىيىتىدە خەنزۇچە ئۆگىنىپ، كۇڭزى تەلىماتىغا ۋە تېببىي كىتابلارغا بېرىلدى. جۇڭگو شېئىرىيىتىنى ۋە رەسىملىرىنى ياقتۇرۇپ قالدى. شۇڭا قادىرىيەگە جۇڭگونىڭ ئەنئەنە ئىدىيىسىنى سىڭدۈردى. چى جىڭيى، شەن مېيجىڭ، يۈننەن بېيئەندىكى ماشاڭرىن، خېجۇدىكى ما چۇڭيى، چاڭشادىكى ما شاڭرىن، قەشقەردىكى خاخۇييى، گۇيۈەندىكى ماشىنيى قاتارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ داڭلىق شاگىرتلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. قېرىغاندا سىچۇەننىڭ شىمالىدىكى سەركەردە مازىيۈننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن سىچۇەندىكى لاڭجۇڭغا بېرىپ دىننى تەرغىب قىلدى. لاڭجۇڭدىكى تېتاسى مەسچىتى يېنىدا ئالەمدىن ئۆتتى. پەنلۇڭشەنگە دەپنە قىلىندى.