Uyghur主要词典
ئابباس
دۇنيا تارىخى
(1571 - 1629) ئىران ساقى خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى (1587 - 1629). ئۇ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىلدە، ئىران ئىچكى - تاشقى جەھەتتە قىيىن ئەھۋالدا قالغان. 1950-يىلى شەرقىي گرۇزىيە، شەرقىي ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان (تەبرىزنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ۋە رولىستاننىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىنى ئوسمان ئىمپېرىيىسىگە بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن مەملىكەت ئىچىدە بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارغان: بىر قىسىم ئاقسۆڭەك ۋە سودىگەرلەرگە تايىنىپ، قىزىلباشلار ( قىزىل باش ياغلىق دېگەن مەنىدە) قەبىلە ئاقسۆڭەكلىرى ۋە چوڭ فېئوداللارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرغان، مەركەزدىن ئەمەلدار ئەۋەتىپ يەرلىكنى باشقۇرغان؛ مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇپ، مىلتىق ۋە زەمبىرەكلەرنى تەييارلىغان؛ يول - كۆۋرۈكلەرنى ياسىتىپ، ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇپ، تاشقى سودىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرغان؛ 1598-يىلى پايتەختنى قەزۋىندىن ئىسفاھانغا كۆچۈرگەن ھەمدە ئوردا، خانىقالارنى ياساتقان. 9715-يىلى ھېرات جېڭىدە ئۆزبېكلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، خوراساننى قايتۇرۇۋالغان. 1603 - 1612 - يىللىرى ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، گرۇزىيە، ئەرمېنىيە، ئەزەربەيجان، كۇردىستان، دىياربەكر، موسۇل ۋە باغداد قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋالغان. 1622-يىلى موغۇل ئىمپېرىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، قەندەھارنى ئىشغال قىلغان. شۇ يىلى ئەنگلىيە فلوتىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا پورتۇگاللارنى ھورمۇزدىن قوغلاپ چىقارغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئاباس
بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ مەنىسى؛ ① قوشۇمىسى تۈرۈلگەن، ② تۇتۇق ھاۋا