ئاڭⅠ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[يەشمىسى:] ① پىكىر قىلىش قابىلىيىتى، ئەقىل-ئىدراك:[مىسال:] ئادەمنىڭ ئېڭى ئۇنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ بارىدۇ.[يەشمىسى:] ② ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بولغان چۈشەنچە؛ سەزگۈرلۈك:[مىسال:] سىياسىي ئاڭ. سىنىپىي ئاڭ.[يەشمىسى:] ③ روھىي دۇنيا، مەنىۋىلىك:[مىسال:] ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى.[يەشمىسى:] ④ نۇقتىئىنەزەر:[مىسال:] سوتسىيالىستىك ئاڭ. كوممۇنىستىك ئاڭ.