—参考资料
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يۈرەك چاستوتىسى ھەم ئايلىنىش سىستېمىسىنىڭ قانداق
ئالاھىدىلىكى بار؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ يۈرەك چاستوتىسىنىڭ تەۋرىنىشى بىر ئاز چوڭ، ھەر مىنۇتتا تەخمىنەن 90 ~ 160 قېتىم. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۇخلىغان ھەم ئويغاق ۋاقىتتىكى يۈرەك چاستوتىسىنىڭ پەرقى سەل چوڭراق، ئۇخلىغاندا يۈرەك چاستوتىسى تەخمىنەن مىنۇتىغا 120 قېتىم، ئويغاق ۋاقىتتا بولسا تەخمىنەن مىنۇتىغا 120 ~ 140 قېتىم. نورمال بوۋاقلارنىڭ قان بېسىمى تەخمىنەن 7.9316 كىلوپاسكال (70150 مىللىمېتىر سىماب تۈۋرۈكى) ئەتراپىدا. ھامىلىنىڭ قان سۇيۇقلۇقى ئاساسەن ئىچكى ئەزالارغا تارقالغان بولۇپ، گەۋدە ھەم پۇت - قولىدا قان ئاز بولىدۇ. شۇڭا ھامىلە تۇغۇلغاندىن كېيىن پۇت - قول مۇزدەك، پۇت - قولىنىڭ ئۇچى كۆكىرىپ قالغان ھالەتتە بولۇپ بۇ كۆكلەر بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ. ئاز ساندىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلۇپ بىر - ئىككى كۈن ئىچىدە يۈرەك ئالدى قىسمىدىن شاۋقۇن ئاۋازى ئاڭلىنىپ، بىر نەچچە كۈندىن كېيىن يوقاپ كېتىدۇ. بۇ بەلكىم ئارتېرىيە قانىلىنىڭ ئېتىلمەسلىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك.