Uyghur主要词典
خىزمەت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ئىشلەيدىغان، مەلۇم كۆلەم ۋە سىستېمىغا ئىگە، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت.
<ئىش> ئەڭ ئومۇمىي.
<يۇمۇش>، <ئىشكۈچ>، <كار> ئادەتتىكى، شەخسكە دائىر ئومۇمىي ئىشقا قارىتىلىدۇ، كۆپىنچە ئېغىز تىلىدا ئىشلىتىلىدۇ.
<خىزمەت>، <ۋەزىپە> ئۆ
ئىش بار يەردە ئاش بار. ئىشى يوقنىڭ ئېشى يوق، ئېشى يوقنىڭ كارى يوق. كارى يوقنىڭ جېنى يوق. كارىڭ بولمىسۇ. يۇمۇش تەننى ھاردۇرغىنى بىلەن، كۆڭۈلنى شاد قىلىدۇ. ھېچبىر ئىشكۈچ يوق، بىكار يۈرۈشتىن ئېغىر ئىش يوق. ھەركىم بىر مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللىنىشى لازىم. خىزمەت چاقچاقنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئالغان ۋەزىپىنى ئورۇنلاش قەرز. ئادەمنىڭ بۇرچى ھەقىقەت ئىزدەش. بۇرچىنى ئادا قىلمىغان كىشى - ساينىڭ تېشى. ھەر ئەمەلنىڭ بىر ۋاقتى، ھەر ۋاقىتنىڭ بىر ئەمىلى بار. ئەمەلى يوق سوپىدىن تۇخۇم تۇغىدىغان توخۇ ياخشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئەقلىي ياكى جىسمانىي يول بىلەن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئەمگەك، ئىش.
مېنىڭ ئۆيۈمدىن ئىدارىغا بېرىشىم خىزمەت ئۈچۈن ئىدى.
ئىدارە، ئورگانلاردا بېجىرىلىدىغان ۋەزىپە.
قادىر مۇئەللىم بۇ يەرگە خىزمەتكە كەلگىلى ئىككى يىلدىن ئاشقانىدى.
ۋەزىپە، تاپشۇرۇق.
- ئەي ئانا، - دېدى ھاتەم ئىنىكئانىغا، ئەگەر باشقا خىزمەت بولمىسا، توي تەرەددۇتىنى قىلىپ، ئىشنى باشلىساق.
تۆھپە، نەتىجە.
ئۇ ۋەتەننى قوغداش يولىدا خىزمەت كۆرسەتتى.
تەربىيە، نەسىھەت.
ئىدارە رەھبەرلىكى يولدىن چىققان ياشلار ئۈچۈن خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئادەم بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ئەمەل، ياردەم، ئىش