Chinese→Uyghur主要词典
徐载弼
دۇنيا تارىخى
شۈزەيبى
(1866 - 1951) چاۋشيەن <مۇستەقىللىك جەمئىيىتى> باشلىقلىرىنىڭ بىرى. جەنۇبىي چۇەنلۇ ۋىلايىتىنىڭ باۋچېڭ شەھىرىدىن. 1883 - يىلى ياپونىيە توكيو قۇرۇقلۇق ئارمىيسى مەكتىپىگە كىرگەن، ياندۇرقى يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ۋەتىنىگە قايتقان، كېيىن جياشېڭ سىياسىي ئۆزگىرىشىنى پىلانلاشقا قاتناشقان ھەمدە تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىسى، قوشۇمچە رەسمىي ئەمەلدارى بولغان. مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ياپونىيىگە قېچىپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئامېرىكىغا كەتكەن. 1896 - يىلى ئامېرىكىدىن چاۋشيەنگە قايتىپ، ئامېرىكاپەرەس كىشىلەر بىلەن ئالاقە باغلاپ، مۇستەقىللىك جەمئىيىتىنى تەشكىل قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. <مۇستەقىللىك خەۋىرى>نى چىقىرىپ ئەركىنچىلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلغان، ھۆكۈمەتنىڭ چىرىك سىياسىتىنى تەنقىد قىلغاچقا، بېسىمغا ئۇچراپ، يەنە ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن. 1947 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي مەمۇرىي ئەمەلدارى خۇچنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىدىن ۋەتىنىگە قايتىپ كېلىپ ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ ئالىي مەمۇرىي باشلىقى بولغان. كېيىن ئامېرىكىدا ئۆلگەن.