Chinese→Uyghur主要词典
徐有榘
دۇنيا تارىخى
شۈيۇجۈ
(1764 - 1845) چاۋشيەن لى سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى ئاگرانوم. ئىسمى جۈنپىڭ، لەقىمى فېڭشى، چىڭشاڭنىڭ شىمالىدىكى داجيۇدىن. ئەمەلدارلىق ئىمتىھاندا ئەلا نەتىجە بىلەن كۇيجاڭگې سارىيىدا ئەمەل تۇتقان. <يېزا رەسىم قائىدىلىرى >، <ئويمىچىلىق ئۇستىسى> دېگەن ئەسەرلەرنى تۈزگەن، ئەڭ مەشھۇر ئەسىرى <قىزىلچا - ياڭيو تېرىش شەجەرىسى>. ئۇنىڭدا تاتلىق ياڭيۇ تېرىش، ساقلاش، يىيىش قاتارلىقلار بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا جۇڭگودىكى كىتابلاردىن نەقىل ئېلىنىپلا قالماي، چاۋشىيەننىڭ تەجرىبىلىرىمۇ يەكۈنلەنگەن، ئۇ تولىمۇ ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا <ئورمانچىلىق ئىگىلىكىگە ئائىت 16 ئىش> دېگەن ئەسىرى بولۇپ، ئۇ جەمئىي 16 پارچىگە بۆلۈنگەن، ئۇنىڭدا دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىككە ۋە يېزا - ئىگىلىكىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە ئائىت مەسىلىلەر كەڭ بايان قىلىنغان. شۇ چاغدىكى جەمئىيەتتىكى ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تۇرمۇشقا ئائىت تارىخىي ماتىرىياللار بېرىلگەن، ئۇ - چاۋشىيەندىكى ھەقىقىي بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىغا ئىگە ئەسەرلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە <فىڭشىچى> دېگەن شېئىرلار توپلىمى بار.