Uyghur主要词典
خۇشتارⅡ
خۇشتارⅡ[سۆز تۈركۈمى:] ئىسىم.[قۇرۇلمىسى:]]خۇش+تار[[كەسىپ تۈرى:]>مۇزىكا<[يەشمىسى:] ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى ئىجاد قىلىنغان، كامانچە بىلەن چالىدىغان بىر خىل چالغۇسى. خۇشتارنىڭ باش قىسمى تەمبۇرنىڭ بېشىغا بىرئاز ئوخشايدۇ، ئەمما ئۇنىڭ دەستىسى قىسقا بولۇپ، باش قىسمىنىڭ ئويۇلمىسى تەمبۇرنىڭكىدەك چوڭقۇر ئەمەس. يۈزلۈكىنىڭ ئىككى تەرىپىدە كامانچە ئىزناسىغا ئوخشايدىغان سىزىق بار. خۇشتاردا جەمئىي 11 تار بولۇپ، تۆتى مېلودىيىلىك تار؛ قالغان يەتتىسى رىزۇنانىس تارلاردۇر.